Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




زىكىرىيا 11:2 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

2 ئەي قارىغايلار، يىغلاڭلار، چۈنكى كېدىر دەرەخلىرى ئۆرۈلدى. ھەيۋەتلىك دەرەخلەر ۋەيران بولدى. ئەي باشاننىڭ دۇپ دەرەخلىرى، ھازا تۇتۇپ يىغلاڭلار، چۈنكى قويۇق ئورمانلىقلار كېسىلدى.

Gade chapit la Kopi




زىكىرىيا 11:2
12 Referans Kwoze  

ياپيېشىل دەرەخ ئوتتا كۆيدۈرۈلگەن يەردە، قۇرۇپ كەتكەن دەرەخ تېخىمۇ كۆيدۈرۈلمەسمۇ؟! شۇنىڭدەك، مەن ئازاب چەككەن يەردە، سىلەر گۇناھكار يەھۇدىيلار تېخىمۇ ئازاب چەكمەمسىلەر؟!


يېرۇسالېمدا راھەت-پاراغەتتە ياشاۋاتقانلارنىڭ ھالىغا ۋاي! تۆپىلىككە جايلاشقان سامارىيە شەھىرىدە خاتىرجەملىكتە ياشاۋاتقانلارنىڭ ھالىغا ۋاي! سىلەر ئۆزۈڭلارنى ئەڭ مۇھىم ئەلنىڭ كاتتا ئادەملىرى دەپ ئويلايسىلەر، ئىسرائىلىيە خەلقى سىلەردىن ياردەم سوراپ، ئالدىڭلارغا كېلىدۇ.


ئاشۇ كېدىر دەرىخىنىڭ سايىسىدا ياشىغانلارمۇ ئۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۆلۈكلەر ماكانىغا مەھكۇم بولۇپ، قىلىچ بىلەن ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ سېپىگە قوشۇلدى.


_ ئەي ئادەم بالىسى، جەنۇبقا يۈزلىنىپ تۇرۇپ، نەگېبتىكى ئورمانلىققا قارشى ۋەھىيىمنى يەتكۈز


پالىقىڭ باشاننىڭ دۇپ دەرەخلىرىدىن ياسالغانىدى. پوللىرىڭ سىپرۇس قارىغايلىرىدىن ياسىلىپ، پىل چىشىدىن نەقىش قىلىنغانىدى.


ئەي لىۋانلىقلار، قوۋۇقلىرىڭلارنى ئېچىڭلار! يالقۇنلۇق ئوت كېدىر دەرەخلىرىڭلارنى يالماپ يۇتسۇن.


پادىچىلارنىڭ يىغا-زارلىرىغا قۇلاق سېلىڭلار، چۈنكى ئۇلارنىڭ مۇنبەت يايلاقلىرى نابۇت قىلىندى. شىرلارنىڭ ھۆركىرەشلىرىگە قۇلاق سېلىڭلار، چۈنكى ئىئوردان دەرياسى بويىدىكى چاتقاللار نابۇت قىلىندى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite