Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




زىكىرىيا 11:16 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

16 چۈنكى مەن بۇ زېمىندا ھالاك بولغانلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالمايدىغان، ئازغانلارنى ئىزدىمەيدىغان، يارىلانغانلارنى ساقايتمايدىغان، ساقلارنى ئوتلاتمايدىغان پادىچىدىن بىرنى تەيىنلەيمەن. ئۇ سېمىز قويلارنى سويۇپ يەيدۇ، ھەتتا ئۇلارنىڭ تۇياقلىرىنىمۇ يۇلۇپ تاشلايدۇ.

Gade chapit la Kopi




زىكىرىيا 11:16
16 Referans Kwoze  

شۇنىڭ ئۈچۈن، پەرۋەردىگار، ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا خەلقىنىڭ سەركىلىرىگە مۇنداق دېدى: «سىلەر خەلقىمنىڭ چېچىلىپ، سۈرگۈن بولۇشنى كەلتۈرۈپ چىقاردىڭلار. سىلەر ئۇلارنىڭ ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئالمىدىڭلار. شۇڭا مەن سىلەرنى قىلغان رەزىل ئىشلىرىڭلار ئۈچۈن جازالايمەن. بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر!


ھەزرىتى ئەيسا مۇنداق بىر تەمسىلنى ئېيتىپ بەردى: - بىلىپ قويۇڭلاركى، قوينىڭ قوتىنىغا ئىشىكتىن كىرمەي، تېمىغا يامىشىپ كىرگەن كىشى ئوغرى ۋە قاراقچىدۇر.


سېمىز قويلار بىقىنى ۋە يەلكىسى بىلەن ئورۇق قويلارنى ئىتتىرىپ، مۈڭگۈزى بىلەن ئۈسمەكتە.


ئېزىپ قالغانلىرىنى ئىزدەيمەن، تارقىلىپ كەتكەنلىرىنى يىغىمەن، يارىلانغانلىرىنىڭ يارىسىنى تاڭىمەن، ئاجىزلىرىنى كۈچلەندۈرىمەن. لېكىن باشقىلارنى بوزەك قىلىپ، ھارامدىن سەمرىگەن كۈچلۈكلىرىنى يوقىتىمەن. مەن پادىلىرىمنى ئادالەت بىلەن باقىمەن.


مەن ئىگەڭلار پەرۋەردىگار دەيمەنكى، مەن سىلەرگە قارشى تۇرىمەن. سىلەرنى قويلىرىم ئۈچۈن جاۋابكارلىققا تارتىمەن. ئەمدى سىلەر قويلىرىمنى باقالمايسىلەر، شۇڭا ئۆزۈڭلارنىڭ ھالىدىنمۇ خەۋەر ئالالمايسىلەر. قويلىرىمنى ئاغزىڭلاردىن تارتىۋالىمەن، قويلىرىم ئەمدى سىلەرگە يەم بولمايدۇ.


ئەگەر ئۇلار مېنىڭ ھۇزۇرۇمدىكى يىغىلىشقا قاتناشقان بولسا ئىدى، مېنىڭ سۆزلىرىمنى خەلقىمگە جاكارلايتتى، خەلقىمنى يامان يوللىرىدىن ياندۇرۇپ، رەزىل ئىشلاردىن توسقان بولاتتى.


پەرۋەردىگار پادىچىغا ئوخشاش ئۆزىنىڭ قويلىرىنى باقىدۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ قوزىلىرىنى قولىغا ئالىدۇ، ئۇلارنى كۆتۈرۈپ، باغرىغا بېسىپ ماڭىدۇ، ئۇ ساغلىق ۋە قوزىلارنى مېھرىبانلىق بىلەن يېتەكلەيدۇ.


بىراق ياقۇپ: _ سىلى بىلىلا، بالىلىرىم يول ئازابىدىن بەك ئاجىزلاپ كەتتى، موزاي، قوزىلارمۇ تېخى سۈتتىن ئايرىلمىدى. مەن ئۇلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشىم كېرەك. ئەگەر بىز يەنە بىر كۈنلا ماڭساق، ھەممە كالا، قويلىرىمىز ھالاك بولىدۇ.


مەن سىزنىڭ يېنىڭىزدا بولغان يىگىرمە يىل ئىچىدە قوي، ئۆچكىلىرىڭىزنىڭ بالىسىمۇ چۈشۈپ كەتمىدى، مەن بىرەرسىنى يەپمۇ كەتمىدىم.


پادىشاھ خالىغىنىنى قىلىدۇ. ئۇ تەكەببۇرلىشىپ، ئۆزىنى «ھەرقانداق ئىلاھلاردىنمۇ ئۇلۇغمەن» دەپ ماختايدۇ. ھەتتا ھەممە ئىلاھلارنىڭ ئىلاھى بولغان پەرۋەردىگارغا قارشى سۆزلەپ، كۇپۇرلۇق قىلىدۇ. ئۇ تاكى خۇدانىڭ غەزىپى كەلگۈچە داۋاملىق شۇنداق قىلىدۇ. خۇدا ئۆزىنىڭ قارارلىرىنى ئۆزگەرتمەي، چوقۇم ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite