زىكىرىيا 11:11 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى11 شۇ كۈنى ئەھدە بىكار بولدى. مېنى كۆزىتىپ تۇرغان زۇلۇمغا ئۇچرىغۇچىلار بۇنىڭ پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ئىكەنلىكىنى چۈشەندى. Gade chapit la |
شۇنىڭ بىلەن، ئۇ يەھيا پەيغەمبەرنىڭ شاگىرتلىرىغا: - سىلەر قايتىپ بېرىپ، ياراتقان مۆجىزىلىرىمنى ۋە ئېيتقان تەلىملىرىمنى يەھياغا يەتكۈزۈپ: «كورلارنىڭ كۆزى ئېچىلدى، توكۇرلار ماڭالايدىغان بولدى، ماخاۋ كېسىلى بولغانلار ساقايدى، گاسلار ئاڭلىيالايدىغان بولدى، ھەتتا ئۆلگەنلەرمۇ تىرىلدى ۋە كەمبەغەللەرگە خۇش خەۋەر يەتكۈزۈلدى» دەپ ئېيتىڭلار.
كېيىن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقىنىدەك بىر نەۋرە قېرىندىشىم خانامئېل قاراۋۇلخانىغا مېنى يوقلاپ كەلدى. ئۇ: _ بىنيامىن زېمىنىغا قاراشلىق ئاناتوتتىكى ئېتىزلىقىمنى سېتىۋالغىن، چۈنكى قانۇن بويىچە ئۇ يەرنى باشقىلارغا سېتىشتىن بۇرۇن سېنىڭ سېتىۋېلىش ھوقۇقۇڭ بار. شۇڭا ئۇ يەرنى ئۆزۈڭ سېتىۋالغىن، _ دېدى. مەن بۇنى ئاڭلاپ، پەرۋەردىگارنىڭ ماڭا ھەقىقەتەن سۆزلىگەنلىكىنى بىلدىم.