9 گەرچە مەن ئۇلارنى يات ئەللەرگە چېچىۋەتكەن بولساممۇ، ئۇلار ئاشۇ يىراق جايلاردا مېنى ئەسكە ئالىدۇ. ئۇلار ۋە ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرى ھايات قېلىپ، ئىسرائىلىيەگە قايتىپ كېلىدۇ.
ئۇلار باشقا ئەللەردە سۈرگۈندە يۈرگەن مەزگىللىرىدە، كۆڭلۈمگە قانچىلىك ئازار بېرىشكەنلىكلىرىنى ئەسلىشىدۇ، چۈنكى ئۇلار ماڭا ساداقەتسىزلىك قىلىپ ۋە مەندىن يۈز ئۆرۈپ، ئۈمىدلىرىنى بۇتلارغا باغلىغانىدى. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ يىرگىنچلىك قىلمىشلىرى سەۋەبىدىن ئۆزلىرىدىن يىرگىنىدۇ.
ياقۇپنىڭ ھايات قالغان ئەۋلادلىرى نۇرغۇن ئەللەر ئارىسىدا خۇددى پەرۋەردىگار چۈشۈرگەن شەبنەمگە، ئوت-چۆپلەرگە ياغقان يامغۇرغا ئوخشايدۇ. ئۇلار ھېچكىمگە تايانمايدۇ، ھېچكىمنى كۈتمەيدۇ.
سېنى بۇ زېمىنغا ئۆزۈم ئۈچۈن تېرىيمەن. مەن ‹ئىچ ئاغرىتما› دەپ ئاتالغانلارغا ئىچ ئاغرىتىمەن، ‹خەلقىم ئەمەس› دەپ ئاتالغانلارنى ئەمدى ‹مېنىڭ خەلقىم› دەپ ئاتايمەن، سەن مېنى: ‹سەن مېنىڭ خۇدايىم› دەپ ئاتايسەن.»
پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «بىر ۋاقىت كېلىدۇكى، مەن ئىسرائىلىيە ۋە يەھۇدىيەنىڭ ئاھالىسىنى ۋە چارۋا ماللىرىنى كۆپەيتىمەن.
ئۇلارنىڭ ئەمگىكى بىكارغا كەتمەيدۇ، ئۇلارنىڭ تۇغقان پەرزەنتلىرى بالا-قازاغا ئۇچرىمايدۇ. چۈنكى ئۇلار ۋە ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرى پەرۋەردىگار تەرىپىدىن بەخت ئاتا قىلىنغان خەلق ھېسابلىنىدۇ.
ياقۇپنىڭ ئەۋلادلىرىنى كۆپەيتىمەن، يەھۇدىيەنىڭ پۇقرالىرىنى مېنىڭ تاغلىرىمغا ئىگە قىلىمەن. مېنىڭ تاللىغان خەلقىم زېمىنىمغا ئىگىدارچىلىق قىلىدۇ، مېنىڭ خىزمەتكارلىرىم ئۇ يەردە ئولتۇراقلىشىدۇ.
پادىشاھنىڭ پەرمانى ھەممە ئۆلكە ۋە شەھەرلەرگە يېتىپ بارغاندا، ئۇنى ئاڭلىغان يەھۇدىيلار شادلىققا تولۇپ، خۇشاللىق زىياپىتى بېرىشتى ھەم بايرام قىلىشتى. نۇرغۇن يەرلىك ئاھالىلەر يەھۇدىيلاردىن قورقۇشۇپ، يەھۇدىي بولۇشتى.
لېكىن مېنىڭ يولۇمغا قايتىپ كېلىپ، ئەمر-پەرمانلىرىمغا بويسۇنۇپ، شۇ بويىچە ياشىساڭلار، دۇنيانىڭ بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىغا چېچىۋېتىلگەن بولساڭلارمۇ، سىلەرنى خەلقىمنىڭ ئىبادەت قىلىشى ئۈچۈن ئۆزۈم تاللىغان جايغا قايتا يىغىمەن› دېگەنىدىڭ.
ئەي قىلىچتىن قۇتۇلۇپ قالغان ئىسرائىللار، دەرھال كېتىڭلار، كېچىكمەڭلار! بۇ يات زېمىندا مېنى ۋە يېرۇسالېمنى ئەسلەڭلار.
مەن ئەمر-پەرمان چۈشۈرۈپ، ئىسرائىلىيە خەلقىنى يات ئەللەرنىڭ ئارىسىدا دان تاسقىغاندەك تاسقايمەن. لېكىن غەلۋىرىمدىن بىر تال تاشمۇ يەرگە چۈشمەيدۇ.
يەھۇدىي ئەمەس سىلەر ياۋا زەيتۇن دەرىخىدىن كېسىپ ئېلىنىپ، قانۇنىيەتكە خىلاپ ھالدا تۈجۈپىلەپ ئۆستۈرۈلگەن زەيتۇن دەرىخىگە ئۇلانغان يەردە، ئەسلىدىكى شاخلارنىڭ ئۆز دەرىخىگە ئۇلىنىشى تېخىمۇ ئاسان ئەمەسمۇ؟
ئېتىقادچىلار قەيەرگە تارقىلىشتىن قەتئىينەزەر، ئۇلار شۇ يەردە خۇش خەۋەر يەتكۈزدى.
ئىستىپاننىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىنى سائۇلمۇ قوللايتتى. شۇ كۈندىن باشلاپ، يېرۇسالېمدىكى ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكى ئىنتايىن دەھشەتلىك زىيانكەشلىككە ئۇچراشقا باشلىدى. ئەلچىلەردىن باشقا پۈتۈن ئېتىقادچىلار يەھۇدىيە ۋە سامارىيە ئۆلكىلىرىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا تارقىلىپ كېتىشتى.
پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئەي ياقۇپنىڭ ئەۋلادلىرى، ئەي ئىسرائىللار! بۇنى ئېسىڭلاردا تۇتۇڭلار: سىلەر مېنىڭ خىزمەتكارىم. مەن سىلەرنى مېنىڭ خىزمەتكارىم بولۇشقا ياراتتىم، مەن سىلەرنى ئۇنتۇپ قالمايمەن.
سەندىن باشقا بىر خۇدانىڭ ئۆزىگە ئۈمىد باغلىغان خەلقى ئۈچۈن ئىش قىلغانلىقىنى قەدىمدىن بۇيان ھېچكىم ئاڭلاپ باقمىدى، ئىشتىپ باقمىدى، كۆرۈپمۇ باقمىدى.