8 مەن ئىسقىرتىپ، ئۇلارنى يىغىمەن. ئۇلارنى چوقۇم قۇتقۇزىمەن. ئۇلارنىڭ سانى بۇرۇنقىدەك كۆپ بولىدۇ.
ئۇ يىراقتىكى ئەللەرگە تۇغ كۆرسىتىدۇ، ئۇ پۇشتەك چېلىپ دۇنيانىڭ ئۇ چېتىدىكىلەرنى چاقىرىدۇ. مانا بۇ ئەللەر تېز ھەم ئۇچقاندەك كېلىدۇ!
ئۇ ۋاقىت كەلگەندە پەرۋەردىگار مىسىر ۋە ئاسسۇر قوشۇنلىرىنى پۇشتەك چېلىپ چاقىرىپ كېلىدۇ. ئۇلار خۇددى چىۋىن ۋە ھەرىلەردەك يوپۇرۇلۇپ كېلىپ، زېمىنىڭغا يېپىشىدۇ.
خىزمەتكارىم بولغان داۋۇتنىڭ ئەۋلادلىرىنى ۋە لاۋىيلارنى ئاسماندىكى يۇلتۇزلاردەك، دېڭىز بويىدىكى قۇملاردەك سان-ساناقسىز كۆپەيتىمەن.»
لېكىن شۇنداق بىر ۋاقىتلار كېلىدۇكى، ئىسرائىلىيە خەلقى خۇددى دېڭىز ساھىلىدىكى قۇمدەك سان-ساناقسىز كۆپىيىدۇ. مەن بۇرۇن ئۇلارغا قەيەردە: «سىلەر مېنىڭ خەلقىم ئەمەس» دېگەن بولسام، يەنە شۇ يەردە ئۇلارغا: «سىلەر مەنكى مەڭگۈ ھايات خۇدانىڭ پەرزەنتلىرىدۇرسىلەر» دەيمەن.
مۇقەددەس روھ ۋە تويى بولىدىغان قىز : «كەل!» دېدى. ئاڭلىغانلارنىڭ ھەممىسىمۇ: «كەل!» دېسۇن. ئۇسسىغان كەلسۇن، خالىغان كىشى ھاياتلىق سۈيىدىن ھەقسىز ئىچسۇن.
ئەي جاپاكەشلەر ۋە ئېغىر يۈكنى ئۈستىگە ئالغانلار! مېنىڭ يېنىمغا كېلىڭلار، مەن سىلەرگە ئاراملىق بېرەي.
سىلەر بىلەن قۇربانلىقنىڭ قېنى ئارقىلىق تۈزگەن ئەھدەم بولغانلىقى ئۈچۈن، سۈرگۈندىكى خەلقىڭلارنى سۇسىز ئازگالدىن ئازاد قىلىمەن.
پەرۋەردىگار قۇتقۇزغان كىشىلەر يېرۇسالېمغا قايتىدۇ. ئۇلار سىئونغا قايتىپ كېلىپ، شادلىق ناخشىلىرىنى ياڭرىتىدۇ. مەڭگۈلۈك خۇشاللىقنى باشلىرىغا تاج قىلىپ تاقايدۇ. ئازاب ۋە قايغۇ تۈگەيدۇ، ئۇنىڭ ئورنىنى خۇشاللىق ۋە شادلىق ئالىدۇ.
مەن سىلەرنىڭ گۇناھىڭلارنى ئۆچۈرۈۋەتتىم، گۇناھىڭلار بۇلۇتلاردەك، ئەتىگەندىكى تۇماندەك غايىب بولدى. يولۇمغا قايتىڭلار، چۈنكى مەن سىلەرنى ئۆزۈمگە قايتۇردۇم.»
يەھۇدا قەبىلىسى ۋە باشقا ئىسرائىلىيە قەبىلىسىدىكىلەر خۇددى دېڭىز ساھىلىدىكى قۇمدەك كۆپ ئىدى. ئۇلار يەپ-ئىچىپ، خۇشال-خۇرام ياشايتتى.
شۇنداقتىمۇ، ئىسرائىلنىڭ (يەنە بىر ئىسمى ياقۇپ) ئەۋلادلىرى تېز كۆپىيىپ، كۈچلۈك بىر خەلققە ئايلاندى ۋە مىسىرنىڭ ھەممە يېرىنى قاپلىدى.
ئاندىن، ھەر خەلق، ھەر قەبىلە، ھەر مىللەتتىن بولغان، ھەر خىل تىللاردا سۆزلىشىدىغان ساناپ تۈگەتكۈسىز زور بىر توپ خالايىقنىڭ تەختنىڭ ۋە قوزىنىڭ ئالدىدا تۇرغانلىقىنى كۆردۈم. ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئاق تون كىيگەن بولۇپ، قوللىرىدا خورما شاخلىرى تۇتقانىدى.
ئۇلار كېلىپ تىك جىلغىلارغا، قىيا تاشلارنىڭ ئارىلىقلىرىغا، چاتقاللىقلارغا ۋە يايلاقلارغا جايلىشىدۇ.
سىلەر بابىلدىن چىقىپ كېتىڭلار، بابىللىقلارنىڭ قولىدىن قېچىپ كېتىڭلار. سىلەر بار ئاۋازىڭلار بىلەن تەنتەنە قىلىپ: «پەرۋەردىگار خىزمەتكارى ياقۇپنىڭ ئەۋلادلىرىنى قوغدىدى» دەپ، پۈتۈن دۇنياغا جاكارلاڭلار!
پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئەي ياقۇپ ئەۋلادلىرى، ھەممىڭلارنى يىغىمەن، ھايات قالغان ئىسرائىل خەلقىنى يىغىمەن. سىلەرنى قوي پادىلىرىنى قوتانغا يىغقاندەك يىغىمەن. سىلەر خۇددى يايلاقتىكى قوي پادىسىدەك توپلىشىسىلەر. زېمىنلىرىڭلار يەنە ئادەملەر بىلەن ئاۋاتلىشىدۇ.