Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




زىكىرىيا 10:6 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

6 مەن يەھۇدىيە خەلقىنى كۈچلۈك قىلىمەن، ئىسرائىلىيە خەلقىنى قۇتقۇزىمەن، ئۇلارنى ئۆز يۇرتلىرىغا قايتۇرۇپ ئەكېلىمەن. مەن ئۇلارغا رەھىم-شەپقەت كۆرسىتىمەن. ئۇلار ئۆزلىرىنى ھېچقاچان رەت قىلىنمىغاندەك ھېس قىلىشىدۇ. مەن ئۇلارنىڭ پەرۋەردىگارى خۇدادۇرمەن، ئۇلارنىڭ ئىلتىجالىرىغا قۇلاق سالىمەن.

Gade chapit la Kopi




زىكىرىيا 10:6
39 Referans Kwoze  

مەن ئۇلارنى ئوتتا سىنايمەن. ئۇلارنى تاۋلانغان كۈمۈشتەك پاك قىلىمەن. ئۇلارنى ئالتۇننى تاۋلىغاندەك تاۋلايمەن. ئۇلار مېنىڭ نامىمنى چاقىرىدۇ. مەن ئۇلارغا جاۋاب بېرىمەن. مەن: ‹بۇلار مېنىڭ خەلقىمدۇر› دەيمەن، ئۇلار: ‹پەرۋەردىگار بىزنىڭ خۇدايىمىزدۇر› دېيىشىدۇ.»


مەن پەرۋەردىگار خەلقىمنى كۈچلۈك قىلىمەن، ئۇلار مېنىڭ يولۇمدا ماڭىدۇ. بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.»


ئۇ ۋاقىتلاردا يەھۇدىيە خەلقى بىلەن ئىسرائىلىيە خەلقى بىرلىشىپ ياشايدۇ. ئۇلار شىمالدىكى زېمىنلاردىن مەن ئەجدادلىرىڭلارغا ئاتا قىلغان زېمىنغا بىرلىكتە قايتىپ كېلىدۇ.


لېكىن ھازىر مەن ئامان قالغان بۇ خەلقىمگە بۇرۇنقىدەك مۇئامىلە قىلمايمەن.


ئۇ چاغدا، ئىسرائىلىيە بىلەن يەھۇدىيە خەلقى بىرلىشىدۇ ۋە ئۆزلىرىگە بىر يېتەكچى تەيىنلەيدۇ. ئۇلار ئۆز يۇرتىدا گۈللىنىدۇ. يىزرىئەلنىڭ زامانى بۈيۈك بىر زامان بولىدۇ.


مەن ئىگەڭلار پەرۋەردىگار مۇنداق دەيمەن: «مەن ئەمدى ئىسرائىل خەلقىنىڭ ئىلتىجالىرىغا قۇلاق سېلىپ، ئۇلارنىڭ سانىنى قويلاردەك كۆپەيتىمەن.


قورقماڭلار، چۈنكى مەن سىلەر بىلەن بىللە. ئەنسىرىمەڭلار، چۈنكى مەن سىلەرنىڭ خۇدايىڭلار. مەن سىلەرنى كۈچلەندۈرىمەن ۋە سىلەرگە ياردەم بېرىمەن. مەن ھەققانىي، قۇدرەتلىك قولۇم بىلەن سىلەرنى يۆلەيمەن› دېدىم.


باشقا ئەللەر بۇنى كۆرۈپ، ئۆزلىرىنى كۈچلۈك چاغلىۋالغانلىقلىرىدىن نومۇس قىلىشىپ، قوللىرىدا ئېغىزلىرىنى تۇتۇشىدۇ. قۇلاقلىرى گاس بولىدۇ.


ياقۇپنىڭ ئامان قالغان ئەۋلادلىرى ئەللەر ئارىسىغا، يەنى نۇرغۇن ئەللەر ئارىسىغا، خۇددى ئورماندا ياشايدىغان ھايۋانلارنىڭ ئارىسىدىكى شىردەك، قويلار ئارىسىغا ئېتىلىپ كىرگەن ياش شىردەك بۆسۈپ كىرىپ، ئولجىلىرىنى پارە-پارە قىلىپ تاشلايدۇ. ھېچكىم ئولجىلارنى قۇتقۇزالمايدۇ.


پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئەي سىئون خەلقى، ئورنۇڭلاردىن تۇرۇڭلار، دۈشمىنىڭلارنى يانجىڭلار! سىلەرگە تۆمۈر مۈڭگۈز، تۇچ تۇياق ئاتا قىلىمەن، سىلەر نۇرغۇن ئەللەرنى يانجىپ، ۋەيران قىلىسىلەر. ئۇلارنىڭ بايلىقىنى، يەنى ناتوغرا يول بىلەن توپلىغان بايلىقىنى مەن پەرۋەردىگارغا، يەنى پۈتۈن ئالەمنىڭ ئىگىسىگە ھەدىيە قىلىسىلەر.»


سېنى بۇ زېمىنغا ئۆزۈم ئۈچۈن تېرىيمەن. مەن ‹ئىچ ئاغرىتما› دەپ ئاتالغانلارغا ئىچ ئاغرىتىمەن، ‹خەلقىم ئەمەس› دەپ ئاتالغانلارنى ئەمدى ‹مېنىڭ خەلقىم› دەپ ئاتايمەن، سەن مېنى: ‹سەن مېنىڭ خۇدايىم› دەپ ئاتايسەن.»


پەرۋەردىگار ياقۇپ ئەۋلادلىرىغا ئىچ ئاغرىتىپ، ئىسرائىللارنى قايتىدىن يەنە ئۆزىنىڭ خەلقى قىلىپ تاللايدۇ. پەرۋەردىگار ئۇلارنى ئۆز زېمىنىغا ئورۇنلاشتۇرىدۇ، شۇنداقلا باشقا خەلقلەر كېلىپ ياقۇپ ئەۋلادلىرىغا قوشۇلۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ.


شۇڭا مەن ئىگەڭ پەرۋەردىگار يەنە مۇنداق دەيمەن: «مەن ئەمدى ياقۇپنىڭ سۈرگۈندىكى ئەۋلادلىرى بولغان پۈتۈن ئىسرائىل خەلقىنى يۇرتلىرىغا قايتۇرۇپ كېلىمەن، ئۇلارغا ئىچ ئاغرىتىمەن ۋە مۇقەددەس نامىمنى قاتتىق قوغدايمەن.


_ ئەي ئادەم بالىسى، قولۇڭغا بىر تاياق ئېلىپ، ئۇنىڭغا: «يەھۇدىيە پادىشاھلىقىدىكى قەبىلىلەر» دەپ ياز. ئاندىن يەنە بىر تاياق ئېلىپ، ئۇنىڭغا: «يۈسۈپنىڭ ئوغلى ئەفرايىم ۋە ئىسرائىلىيە پادىشاھلىقىدىكى باشقا قەبىلىلەر» دەپ ياز.


مەن ئادەم ۋە مال-ۋارانلارنى ئاۋۇتىمەن، ئۇلار كۆپىيىپ، بەرىكەتلىك بولىدۇ. سىلەرگە ئىسرائىللار قايتىپ كېلىپ ئولتۇراقلىشىدۇ. سىلەر خۇددى بۇرۇنقىغا ئوخشاش روناق تاپىسىلەر، ئىسرائىللار تېخىمۇ گۈللىنىدۇ. شۇندىلا سىلەر مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىسىلەر.


پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مەن ئىسرائىلىيە ۋە يەھۇدىيە خەلقى بىلەن يېڭى ئەھدە تۈزىدىغان بىر ۋاقىت كېلىدۇ.


مەن پەرۋەردىگار مۇنداق دەيمەن: ئىسرائىلىيە يەنىلا مېنىڭ ئوغلۇم، قەدىرلىك بالام ئەمەسمۇ؟ ئۇنى دائىم ئەيىبلىسەممۇ، لېكىن مەن يەنىلا ئۇنى سۆيىمەن. مەن ئۇنى سېغىنىمەن، جەزمەن ئۇنىڭغا رەھىمدىللىك قىلىمەن.


پەرۋەردىگار دەيدۇكى، شۇ ۋاقىتتا مەن ئىسرائىلىيەدىكى بارلىق قەبىلىلەرنىڭ خۇداسى بولىمەن، ئۇلار مېنىڭ خەلقىم بولىدۇ.


پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مەن خەلقىمنى ئۆز زېمىنلىرىغا قايتۇرۇپ كېلىمەن. ھەربىر ئائىلىگە مېھىر-شەپقەت كۆرسىتىمەن. يېرۇسالېم خارابىلىك ئۈستىگە قايتا قۇرۇلىدۇ. پادىشاھ قەلئەسى ئەسلىدىكى ئورنىغا قايتىدىن بىنا قىلىنىدۇ.


ئۇنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا يەھۇدىيە تىنچ-ئامانلىققا ئېرىشىدۇ، ئىسرائىلىيە خاتىرجەملىكتە ياشايدۇ. ئۇنىڭ نامى ‹پەرۋەردىگار بىزنىڭ ھەققانىيىتىمىزدۇر› دەپ ئاتىلىدۇ.


قولۇم ئۇنىڭغا يۆلەك بولار، بىلىكىم ئۇنى كۈچكە تولدۇرار.


پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ۋاقتى كەلگەندە، توكۇر بولۇپ قالغان خەلقىمنى يىغىمەن. سۈرگۈن قىلىنغان، ئۆزۈم ئازاب سالغانلارنى قايتۇرۇپ كېلىمەن.


ياقۇپنىڭ ئەۋلادلىرى ئوتقا، يۈسۈپنىڭ ئەۋلادلىرى يالقۇنغا ئوخشايدۇ. لېكىن ئەساۋنىڭ ئەۋلادلىرى پاخالغا ئوخشايدۇ. ئۇلار كۆيۈپ، پۈتۈنلەي يوقىلىدۇ. ئەساۋنىڭ ئەۋلادلىرىدىن ھېچكىم قالمايدۇ. بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.»


لېكىن مەن يەھۇدىيە خەلقىگە ئىچ ئاغرىتىمەن. مەن پەرۋەردىگار ئۇلارنىڭ خۇداسىدۇرمەن. مەن ئۇلارنى قۇتۇلدۇرىمەن، ئۇلارنى ئوقيا، قىلىچ، ئۇرۇش، ئات ياكى چەۋەندازلار بىلەن ئەمەس، بەلكى ئۆز قۇدرىتىم بىلەن قۇتۇلدۇرىمەن.


پەرۋەردىگار شۇ ئەللەردە تۇغ چىقىرىپ، سۈرگۈن قىلىنغان ئىسرائىللارنى ئۇيۇشتۇرىدۇ. ئۇ يەھۇدىيەنىڭ چېچىلىپ كەتكەن خەلقىنى يەر يۈزىنىڭ تۆت تەرىپىدىن يىغىپ كېلىدۇ.


قورقمىغىن، چۈنكى سەن ئەمدى ئۇياتقا قالمايسەن، خىجىل بولما، چۈنكى سەن ئەمدى شەرمەندە بولمايسەن. سەن ياش ۋاقتىڭدىكى نومۇسلۇق ئىشلارنى ئۇنتۇپ كېتىسەن، تۇل ئولتۇرغان ۋاقىتلىرىڭدىكى شەرمەندىچىلىكلەرنى قايتا ئەسلىمەيسەن.


مەن بىر مەزگىل قاتتىق غەزەپكە كېلىپ سەندىن يۈز ئۆرۈگەنىدىم. مەن ئەمدى مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىم بىلەن ساڭا ھېسداشلىق قىلىمەن. مانا بۇ، سېنى قوغدايدىغان، مەن پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرىدۇر.


شۇڭا مەن يېرۇسالېمغا رەھىم-شەپقەت كۆرىسىتىش ئۈچۈن قايتىپ كەلدىم. يېرۇسالېمدا ئىبادەتخانام قايتا قۇرۇلىدۇ. يېرۇسالېم قايتىدىن قۇرۇلۇش ئۈچۈن ئۆلچەپ چىقىلىدۇ.»


ئۇ كۈنى پەرۋەردىگارىمىز خۇدا ئۆز خەلقىنى خۇددى پادىچى ئۆز پادىلىرىنى قۇتقۇزغاندەك قۇتقۇزىدۇ. ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ زېمىنىدا خۇددى پادىشاھنىڭ تاجىدىكى ياقۇتلاردەك چاقنايدۇ.


ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرى بۇرۇنقى ۋاقىتلاردىكىدەك گۈللىنىدۇ. مەن ئۇلارنى كۆز ئالدىمدا بىر خەلق قىلىپ تىكلەيمەن. ئۇلارغا زۇلۇم سالغان ھەرقانداق ئادەمنى جازالايمەن.


دانالار بۇ ئىشلارنى چۈشەنسۇن، ئەقلى بارلار بۇ ئىشلارنى بىلىپ يەتسۇن. چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ يولى ھەق يولدۇر. ھەققانىيلار بۇ يولدا ماڭار، گۇناھكارلار ئۇنىڭدا پۇتلىشىپ يىقىلار.


پەرۋەردىگار ئىسرائىللارنى دۈشمىنىگە تاپشۇرۇپ بېرىدۇ. پەقەت ھامىلىدار ئايال بالىسىنى تۇغقاندا، ئاندىن ئۇ بالىنىڭ ئامان قالغان ئىسرائىل قېرىنداشلىرى ئىسرائىللارنىڭ ئارىسىغا قايتىپ كېلىدۇ.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite