Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




زىكىرىيا 10:12 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

12 مەن پەرۋەردىگار خەلقىمنى كۈچلۈك قىلىمەن، ئۇلار مېنىڭ يولۇمدا ماڭىدۇ. بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.»

Gade chapit la Kopi




زىكىرىيا 10:12
18 Referans Kwoze  

قورقماڭلار، چۈنكى مەن سىلەر بىلەن بىللە. ئەنسىرىمەڭلار، چۈنكى مەن سىلەرنىڭ خۇدايىڭلار. مەن سىلەرنى كۈچلەندۈرىمەن ۋە سىلەرگە ياردەم بېرىمەن. مەن ھەققانىي، قۇدرەتلىك قولۇم بىلەن سىلەرنى يۆلەيمەن› دېدىم.


مەن يەھۇدىيە خەلقىنى كۈچلۈك قىلىمەن، ئىسرائىلىيە خەلقىنى قۇتقۇزىمەن، ئۇلارنى ئۆز يۇرتلىرىغا قايتۇرۇپ ئەكېلىمەن. مەن ئۇلارغا رەھىم-شەپقەت كۆرسىتىمەن. ئۇلار ئۆزلىرىنى ھېچقاچان رەت قىلىنمىغاندەك ھېس قىلىشىدۇ. مەن ئۇلارنىڭ پەرۋەردىگارى خۇدادۇرمەن، ئۇلارنىڭ ئىلتىجالىرىغا قۇلاق سالىمەن.


ياقۇپ ئەۋلادلىرى كېلىڭلار، پەرۋەردىگارنىڭ نۇرىدا ماڭايلى.


ئەي ئوغلۇم، سەن ئەيسا مەسىھنىڭ مېھىر-شەپقىتىگە تايىنىپ كۈچلۈك بول.


باشقا ئەللەر ئۆز ئىلاھلىرىنىڭ يولىدا ماڭىدۇ، لېكىن بىز مەڭگۈ پەرۋەردىگارىمىز خۇدانىڭ يولىدا ماڭىمىز.


مەيلى سىلەر نېمە دەڭلار ياكى نېمە قىلىڭلار، ھەممىسىنى رەببىمىز ئەيسانىڭ نامىنىڭ ئۇلۇغلىنىشى ئۈچۈن قىلىڭلار ۋە ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق خۇدائاتىمىزغا شۈكۈر ئېيتىڭلار.


سىلەر ئەيسا مەسىھنى رەببىمىز، دەپ قوبۇل قىلغانىكەنسىلەر، ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ياشاڭلار.


مەن ماڭا كۈچ-قۇدرەت ئاتا قىلغۇچى رەببىمىز ئەيسا مەسىھكە تايىنىپ، خۇدا مەندىن تەلەپ قىلغان ھەرقانداق ئىشنى قىلالايمەن.


ئۇلار مۇنداق دەپ جاكارلايدۇ: ‹پەقەت پەرۋەردىگارلا غەلىبە ۋە كۈچ-قۇدرەتنىڭ مەنبەسىدۇر.›» ئۇنىڭغا غەزەپلەنگەنلەر ئۇنىڭ ئالدىدا نومۇسقا قالىدۇ.


ئۇ: «مەن خىزمىتىدە بولۇپ كەلگەن پەرۋەردىگار ئۆزىنىڭ پەرىشتىسىنى سېنىڭ ئالدىڭغا ئەۋەتىدۇ. ئۇ سېنىڭ ئىشىڭنى ئوڭ قىلىدۇ. سەن ئوغلۇمغا يۇرتۇمدىكى تۇغقانلىرىم ئارىسىدىن خوتۇن ئېلىپ بەر.


ئاخىردا، مەن سىلەرنىڭ رەببىمىزگە ۋە ئۇنىڭ زور قۇدرىتىگە تايىنىپ، كۈچلۈك بولۇشۇڭلارنى تىلەيمەن.


يەھۇدىيەنىڭ يېتەكچىلىرى ئۆزلىرىگە شۇنداق دېيىشىدۇ: ‹يېرۇسالېم ئاھالىلىرى قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگاردىن كۈچ-قۇۋۋەتكە ئېرىشىدۇ›.


ئۇ ھاياتىنى خۇدا بىلەن يېقىن مۇناسىۋەتتە ئۆتكۈزۈپ، بىر كۈنى كۆزدىن غايىب بولدى. چۈنكى خۇدا ئۇنى ئۆز يېنىغا ئېلىپ كەتكەنىدى.


قېرىنداشلار، ئاخىردا بىز يەنە شۇنى دېمەكچىمىزكى، خۇدانى خۇرسەن قىلىش ئۈچۈن قانداق ياشاش كېرەكلىكىنى بىزدىن ئۆگىنىۋالدىڭلار ھەمدە سىلەر ئەمەلىيىتىڭلاردىمۇ بىزدىن ئۆگەنگىنىڭلار بويىچە شۇنداق ياشاۋاتىسىلەر. ئەمدى خۇدانى خۇرسەن قىلىشقا تېخىمۇ تىرىشىشىڭلارنى رەببىمىز ئەيسانىڭ نامى بىلەن سورايمىز.


سىلەرگە مەدەت بەردۇق، تەسەللى بەردۇق. سىلەرنى ئۆز پادىشاھلىقىغا ۋە شان-شەرىپىگە چاقىرغان خۇدانىڭ پەرزەنتلىرىگە لايىق ياشاشقا دەۋەت قىلدۇق.


بابىل پادىشاھىنىڭ بىلەكلىرىگە كۈچ بېرىپ، قىلىچ تۇتقۇزىمەن، لېكىن مەن پىرئەۋننىڭ بىلەكلىرىنى سۇندۇرۇۋېتىمەن. پىرئەۋن ئۇنىڭ ئالدىدا ئېغىر يارىدار ئادەمدەك ئىڭرايدۇ.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite