11 خەلقىم كۈلپەت دېڭىزىدىن ئۆتكەندە، دولقۇنلار پەسلەيدۇ. نىل دەرياسىنىڭ چوڭقۇر سۇلىرى قۇرۇيدۇ. ئاسسۇرلارنىڭ ھەيۋىسى سۇنىدۇ. مىسىرلىقلارنىڭ سەلتەنەت ھاسىسى يوقىلىدۇ.
مەن ئىگەڭ پەرۋەردىگار مۇنداق دەيمەن: ‹بۇتلارنى يوقىتىمەن، نوپ شەھىرىنىڭ بۇتلىرىنى ۋەيران قىلىمەن، مىسىردا ئەمدى ھۆكۈمران بولمايدۇ، مىسىرنى ۋەھىمىگە سالىمەن.
سىلەر چوڭقۇر سۇلارنى كېچىپ ئۆتكىنىڭلاردا، مەن سىلەر بىلەن بىللە بولىمەن. سىلەر دەريالارنى كەزگىنىڭلاردا، شىددەتلىك ئېقىم سىلەرنى ئېقىتىپ كېتەلمەيدۇ. ئوت ئىچىدە يۈرگىنىڭلاردا، سىلەر كۆيۈپ كەتمەيسىلەر. سىلەرگە ئوت تۇتاشمايدۇ.
ئالتىنچى پەرىشتە چىنىدىكىنى ئۇلۇغ فىرات دەرياسىغا تۆكتى. شۇ ھامان دەريانىڭ سۈيى قۇرىدى. بۇنىڭ بىلەن، كۈنچىقىشتىن كېلىدىغان پادىشاھلارنىڭ يولى ئېچىلدى.
پەرۋەردىگار شىمالدىكى ئاسسۇرىيەگە قارشى قول كۆتۈرۈپ، نىنەۋى شەھىرىنى قاقاس چۆل-باياۋانغا ئايلاندۇرىدۇ.
دېڭىزدىكى سۇلارنى، تېگى يوق ھاڭلاردىكى سۇلارنى قۇرۇتقان سەن ئەمەسمۇ! قۇللۇقتىن قۇتقۇزغان خەلقىڭنىڭ ئۆتۈۋېلىشى ئۈچۈن، دېڭىزدىن قۇرۇقلۇق پەيدا قىلىپ، يول ئاچقان سەن ئەمەسمۇ!
مەن ئۆز خەلقىمنىڭ زېمىنىدا ئاسسۇرلارنى كۇكۇم-تالقان قىلىمەن، خەلقىمنىڭ تاغلىرىدا ئۇلارنى دەسسەپ چەيلەيمەن. ئۇلارنىڭ سالغان قۇللۇق بويۇنتۇرۇقى خەلقىمنىڭ بوينىدىن يۇلۇپ تاشلىنىدۇ، ئۇلارنىڭ ئېغىر يۈكى خەلقىمنىڭ زىممىسىدىن ئېلىپ تاشلىنىدۇ.
ئەي دېڭىز، نېمىشقا قاچىسەن؟ ئەي ئىئوردان دەرياسى، نېمىشقا كەينىڭگە ئاقىسەن؟
دېڭىز بۇنى بىلىپ ياندى ئارقىغا، ئىئوردان دەرياسى بۇرۇلۇپ كەينىگە ئاقتى.
ئاندىن ئۇلار پېتىر نان ھېيتىنى شاد-خۇراملىق ئىچىدە يەتتە كۈن ئۆتكۈزدى. پەرۋەردىگار ئۇلارنى شادلىققا چۆمدۈرگەنىدى، چۈنكى ئۇ ئاسسۇر پادىشاھىنىڭ دىلىنى يۇمشىتىپ، ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسىنى قايتىدىن بىنا قىلىشنى قوللاتقۇزغانىدى.
ئۇ ئىلياسنىڭ ئۈستىدىن چۈشكەن تون بىلەن سۇنى ئۇرۇپ: _ ئى پەرۋەردىگار، ئىلياس ئېتىقاد قىلغان خۇدا، سەن قەيەردە؟ _ دەپ نىدا قىلدى. شۇ ھامان سۇ ئىككىگە بۆلۈندى. ئېلىشا دەريادىن ئۆتتى.
ئىلياس تونىنى تولغاپ، سۇنى ئۇرۇۋىدى، سۇ ئىككىگە بۆلۈندى. ئىككىيلەن قۇرۇق يەر بىلەن مېڭىپ، دەريادىن ئۆتتى.
ئەي پەرۋەردىگار، ئويغىنىپ قولۇڭنى كۆتۈرگەيسەن، كۈچ-قۇدرىتىڭنى نامايان قىلغايسەن. خۇددى بۇرۇنقى زاماندىكىگە ئوخشاش، ئۆز قۇدرىتىڭنى كۆرسەتكەيسەن! دېڭىز مەخلۇقى راخابنى پارچىلاپ تاشلىغان سەن ئەمەسمۇ! قورقۇنچلۇق دېڭىز مەخلۇقىنى سانجىپ ئۆلتۈرگەن سەن ئەمەسمۇ!
لېكىن خۇدا نۇھنى ۋە كېمىدە ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولغان بارلىق جانلىقلارنى ئۇنتۇپ قالمىدى. ئۇ يەر يۈزىدە شامال چىقارغانىدى، سۇ پەسىيىشكە باشلىدى.
ئۇ چاغدا مىسىرلىقلارنىڭ قىلىقى ئاياللارغا ئوخشاپ قالىدۇ. ئۇلار قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارنىڭ ئاتقان مۇشتۇمىنىڭ زەربىسىدە قورقۇشۇپ تىترەپ كېتىدۇ.
مەن دېڭىزغا قاراپ: ‹قۇرۇپ كەت› دېسەم، ئۇ قۇرۇپ كېتىدۇ، مەن دەريالارنى قۇرۇتىمەن.