Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




زىكىرىيا 10:10 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

10 مەن ئۇلارنى مىسىردىن قايتۇرۇپ كېلىمەن، ئاسسۇردىن يىغىپ ئەكېلىمەن. مەن ئۇلارنى گىلئاد ھەم لىۋان زېمىنلىرىغىچە ئورۇنلاشتۇرىمەن، ھەتتا بۇ جايلارمۇ ئۇلارغا تارلىق قىلىدۇ.

Gade chapit la Kopi




زىكىرىيا 10:10
16 Referans Kwoze  

ئۇلار خۇددى مىسىردىن قۇشقاچلاردەك، ئاسسۇردىن كەپتەرلەردەك تىترىگەن ھالدا قايتىپ كېلىشىدۇ. مەن ئۇلارنى ماكانلىرىغا قايتۇرۇپ كېلىمەن. بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.»


قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مەن خەلقىمنى كۈنچىقىش ۋە كۈنپېتىشتىكى ئەللەردىن قۇتۇلدۇرۇپ ئەكېلىمەن.


ئى پەرۋەردىگار، ساڭا تەۋە پادىلارغا پادىچى بولغايسەن، ئۇلارنى قوغدىغايسەن! ئەتراپىدا مول ئوتلاقلار بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار يەنىلا چاتقاللىقتا ئايرىم ياشىماقتا. ئۇلارنى بۇرۇنقى ۋاقىتلارغا ئوخشاش، باشان ۋە گىلئادنىڭ مۇنبەت ئوتلاقلىرىدا ئوتلاتقايسەن.


سۈرگۈن قىلىنغان ئىسرائىل خەلقى ئۆز زېمىنىغا قايتىپ كېلىدۇ، ئۇلار فەنىكىيە زېمىنىنىڭ زارىفات شەھىرىگىچە بولغان جايلارنى ئىگىلەيدۇ. يېرۇسالېمدا تۇتقۇن قىلىنىپ، سىفاراد شەھىرىدە سەرگەردان بولۇپ يۈرگەنلەر قايتىپ كېلىدۇ، ئۇلار نەگېب چۆللۈكىدىكى شەھەرلەرنى ئىگىلەيدۇ.


مەن ئىسرائىل خەلقىنى ئۇلارنىڭ ئوتلاقلىرىغا ئېلىپ كېلىمەن. ئۇلار كارمەل تېغى ۋە باشاننىڭ يايلاقلىرىدا ئوتلايدۇ، ئەفرايىم ۋە گىلئادنىڭ ئېدىرلىقلىرىدا تاكى تويغۇچە يەيدۇ.


پەرۋەردىگار، يەھۇدىيە پادىشاھىنىڭ ئوردىسى توغرىسىدا مۇنداق دەيدۇ: «يەھۇدىيە پادىشاھىنىڭ ئوردىسى مېنىڭ نەزىرىمدە گىلئادقا ۋە لىۋاننىڭ تاغ چوققىلىرىغا ئوخشاش ھەيۋەتلىكتۇر، لېكىن مەن ئۇنى چۆلگە ئوخشاش ھېچكىم ياشىمايدىغان بىر جايغا ئايلاندۇرۇپ قويىمەن.


سانى ئازلىرى چوڭ مىللەتكە ئايلىنىدۇ، ئاجىزلىرى كۈچلۈك ئەل بولىدۇ، مەن پەرۋەردىگار ۋاقتى كەلگەندە بۇ ئىشنى تېزلا ئەمەلگە ئاشۇرىمەن.


ئۇلارنى يېرۇسالېمدا ياشاشقا قايتۇرۇپ ئەكېلىمەن. ئۇلار مېنىڭ خەلقىم بولىدۇ، مەن ساداقەت ۋە ھەققانىيلىق بىلەن ئۇلارنىڭ خۇداسى بولىمەن.»


بىر كۈنى خەلقىم ماڭا ئەگىشىدۇ، مەن شىردەك ھۆركىرەيمەن. ھۆركىرىگىنىمدە، پەرزەنتلىرىم غەرب تەرەپتىن تىترىگەن ھالدا كېلىشىدۇ.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite