Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




زىكىرىيا 1:2 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

2 _ مەن پەرۋەردىگار ئىلگىرى ئەجدادلىرىڭلارغا قاتتىق غەزەپلەنگەنىدىم.

Gade chapit la Kopi




زىكىرىيا 1:2
24 Referans Kwoze  

شۇڭا مەن ئۇلارنىڭ بېشىغا غەزەپ-نەپرىتىمنى ياغدۇردۇم. غەزەپ-نەپرىتىم يېرۇسالېم كوچىلىرى ۋە يەھۇدىيەنىڭ باشقا شەھەرلىرىنى ئوتقا ئوخشاش كۆيدۈرىدۇ. ھازىر بۇ شەھەرلەر ۋەيران بولۇپ خارابىلىكتە تۇرماقتا.


شۇڭا مەن ئۇلارغا قەھرىمنى چاچىمەن، غەزەپ ئوتۇم بىلەن ئۇلارنى يوقىتىمەن. مەن ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىغا يارىشا جازاسىنى بېرىمەن. بۇ مەن ئىگەڭلار پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.»


گۇناھ قىلىپ ئۆتۈپ كەتتى ئەجدادلىرىمىز، ئەمدى بىز ئۇلارنىڭ جازاسىنى تارتماقتىمىز.


سىلەرنىڭ ئەجدادلىرىڭلار زىيانكەشلىك قىلمىغان بىرەر پەيغەمبەر بارمۇ-ھە؟! ئۇلار «خۇدانىڭ ئادالەتچىسى» بولغان ھەزرىتى ئەيسانىڭ كېلىدىغانلىقىنى ئالدىن جاكارلىغانلارنىمۇ ئۆلتۈرۈشكەن. ئەمدى ئۇ ئۆزى كەلگەندە، سىلەر ئۇنىڭغا ساتقۇنلۇق قىلىپ، ئۇنىمۇ ئۆلتۈردۈڭلار.


ئى خۇدا، يەر بىلەن يەكسان قىلدىڭ رەت قىلىپ بىزنى، غەزەپلەندىڭ، ئەمدى قايتۇر يېنىڭغا ھەممىمىزنى.


بېشىمىزغا كەلگەن ھەممە ئىشلار بىزنىڭ رەزىللىكىمىز ۋە سەۋەنلىكلىرىمىزدىن بولدى. شۇنداقتىمۇ، ئى خۇدايىمىز، گۇناھىمىزغا لايىق جازا بەرمىدىڭ، بىر قىسىمىمىزنى يەنىلا ئامان قالدۇردۇڭ.


لېكىن پادىشاھ ماناسسەنىڭ قىلغان تۈرلۈك يامان ئىشلىرى سەۋەبىدىن پەرۋەردىگارنىڭ يەھۇدىيەلىكلەرگە بولغان كۈچلۈك غەزىپى يانمىدى.


شۇڭا مەن ئۇلارغا غەزەپ قىلىمەن، ئۇلارنى ئاياپ ئولتۇرمايمەن، ئۇلارغا ئىچ ئاغرىتمايمەن، ئۇلار قاتتىق نالە قىلسىمۇ، ئەمدى پەرۋا قىلمايمەن، _ دېدى.


مېنىڭ راھەت-پاراغەتتە ياشاۋاتقان ھاكاۋۇر ئەللەرگە قاتتىق غەزىپىم بار. چۈنكى مەن خەلقىمگە ئازراققىنە غەزەپلىنىپ قويسام، ئۇ ئەللەر خەلقىمگە ھەددىدىن زىيادە كۆپ كۈلپەتلەرنى كەلتۈردى.


لېكىن ئۇلار بۇ زېمىنغا كېلىپ، ئۇنىڭغا ئىگە بولغاندىن كېيىن، ئۇلار ھەم ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرىمۇ سېنىڭ سۆزلىرىڭگە قۇلاق سالمىدى، يولۇڭدا ماڭمىدى! شۇنداقلا، ئۇلار سەن ئەمر قىلغان ئىشلارنىڭ ھېچقايسىسىنى قىلمىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن سەن بۈگۈن ئۇلارغا پۈتۈن بالايىئاپەتلەرنى ئېلىپ كەلدىڭ.


ئەجدادلىرىڭلار يۈرەكلىرىنى تاشتەك قاتتىق قىلىپ، بۇرۇنقى پەيغەمبەرلەر مېنىڭ روھىم ئارقىلىق يەتكۈزگەن تەلىملىرىم ۋە باشقا سۆزلىرىمگە ئەمەل قىلمىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن مەن قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار ئۇلارغا قاتتىق غەزەپلەندىم.


قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئىلگىرى ئەجدادلىرىڭلار غەزىپىمنى قوزغىغاندا، مەن ئۇلارغا بالايىئاپەت ئېلىپ كېلىشنى قارار قىلىپ، قارارىمدىن يانمىغانىدىم.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite