Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




زىكىرىيا 1:16 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

16 شۇڭا مەن يېرۇسالېمغا رەھىم-شەپقەت كۆرىسىتىش ئۈچۈن قايتىپ كەلدىم. يېرۇسالېمدا ئىبادەتخانام قايتا قۇرۇلىدۇ. يېرۇسالېم قايتىدىن قۇرۇلۇش ئۈچۈن ئۆلچەپ چىقىلىدۇ.»

Gade chapit la Kopi




زىكىرىيا 1:16
24 Referans Kwoze  

پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مەن سىئونغا قايتىپ كېلىپ، يېرۇسالېمدا ياشايمەن. ئەنە شۇ چاغدا يېرۇسالېم شەھىرى ‹ساداقەتلىك شەھەر›، مەن قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارنىڭ سىئون تېغى ‹مۇقەددەس تاغ› دەپ ئاتىلىدۇ.»


_ زىرۇببابەل ئۆز قولى بىلەن ئىبادەتخانىنىڭ ئۇلىنى قويدى، ئۇنىڭ قولى بۇ قۇرۇلۇشنى چوقۇم تاماملايدۇ. شۇندىلا ئۇ مەن، يەنى قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارنىڭ سېنى خەلققە ئەۋەتكەنلىكىمنى بىلىپ قالىدۇ.


ئۇ ئادەم قولىدىكى ئۆلچەم تانىسى بىلەن ئېقىننى شەرق تەرەپكە قاراپ ئۆلچەشكە باشلىدى. 500 مېتىر ئۆلچەپ بولغاندىن كېيىن، ئېقىننى كېچىشىمنى بۇيرۇدى، سۇ ئوشۇقۇمغا كەلدى.


ئۇ مېنى ئاشۇ يەرگە ئېلىپ باردى. قارىسام، دەرۋازىنىڭ ئالدىدا تۇچتەك پارقىراق بىر ئادەم تۇرۇپتۇ. ئۇنىڭ قولىدا زىغىر تانىدىن ۋە تاياقتىن ياسالغان ئىككى ئۆلچىگۈچ بار ئىدى.


زېمىننىڭ چوڭ-كىچىكلىكىنى كىمنىڭ بەلگىلىگەنلىكىنى بىلەمسەن؟ كىم ئۆلچەم تانىسى بىلەن ئۇنى ئۆلچەپ چىقالىدى؟


پەرۋەردىگار شىئالتېلنىڭ ئوغلى، يەنى يەھۇدىيەنىڭ باشلىقى زىرۇببابەل، يىھوزاداقنىڭ ئوغلى باش روھانىي يوشۇۋا ۋە بارلىق خەلقنى روھلاندۇردى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۆزلىرى ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا، يەنى قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنى قايتىدىن قۇرۇپ چىقىشنى باشلىۋەتتى.


شەھەر سېپىلىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى جەمئىي 9 كىلومېتىر بولسۇن. شۇ ۋاقىتتىن باشلاپ بۇ شەھەرنىڭ ئىسمى «ياھۋەھ شامماھ» [مەنىسى «پەرۋەردىگار مۇشۇ يەردىدۇر»] دەپ ئاتالسۇن.


چۆل قۇشلىرى ۋە كىرپىلەر ئۇ يەرلەرگە ماكانلىشىدۇ. قاغا-قۇزغۇنلار ئۇ يەرلەرنى ماكان قىلىدۇ. پەرۋەردىگار تانا تارتىپ ئۆلچەپ، ئۇ يەرنى خارابىلىككە ئايلاندۇرۇپ قويىدۇ.


شۇ چاغدا يېرۇسالېم خەلقى مۇنداق دەيدۇ: «شۈكۈر ئېيتىمەن ساڭا پەرۋەردىگار، گەرچە سەن ماڭا غەزەپلەنگەن بولساڭمۇ، يېنىپ ھازىر سەن غەزىپىڭدىن، بەردىڭ ماڭا تەسەللى.


كەلگەن پەرىشتە ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى: _ تېز بول! ئاۋۇ كېتىۋاتقان ياش يىگىتكە مۇنداق دەپ ئېيتقىن: «ئادەم ۋە چارۋا ماللارنىڭ كۆپلىكىدىن يېرۇسالېم شەھىرىگە سىغماي قالىدۇ، سېپىللار بولمايدۇ.


مەن يەھۇدىيە خەلقىنى كۈچلۈك قىلىمەن، ئىسرائىلىيە خەلقىنى قۇتقۇزىمەن، ئۇلارنى ئۆز يۇرتلىرىغا قايتۇرۇپ ئەكېلىمەن. مەن ئۇلارغا رەھىم-شەپقەت كۆرسىتىمەن. ئۇلار ئۆزلىرىنى ھېچقاچان رەت قىلىنمىغاندەك ھېس قىلىشىدۇ. مەن ئۇلارنىڭ پەرۋەردىگارى خۇدادۇرمەن، ئۇلارنىڭ ئىلتىجالىرىغا قۇلاق سالىمەن.


پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مەن خەلقىمنى ئۆز زېمىنلىرىغا قايتۇرۇپ كېلىمەن. ھەربىر ئائىلىگە مېھىر-شەپقەت كۆرسىتىمەن. يېرۇسالېم خارابىلىك ئۈستىگە قايتا قۇرۇلىدۇ. پادىشاھ قەلئەسى ئەسلىدىكى ئورنىغا قايتىدىن بىنا قىلىنىدۇ.


پەرۋەردىگار دەيدۇكى، مەن ئۆزۈم يېرۇسالېمنىڭ ئەتراپىدا ئوت سېپىلى، ئىچىدە شان-شەرىپى بولىمەن!»


پەرۋەردىگار: «تېز بولۇڭلار، مەن سىلەرنى دۇنيانىڭ تۆت بۇلۇڭىغا چېچىۋەتكەنىدىم، ئەمدى شىمالدىكى بابىلدىن قېچىپ چىقىڭلار!


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite