15 مېنىڭ راھەت-پاراغەتتە ياشاۋاتقان ھاكاۋۇر ئەللەرگە قاتتىق غەزىپىم بار. چۈنكى مەن خەلقىمگە ئازراققىنە غەزەپلىنىپ قويسام، ئۇ ئەللەر خەلقىمگە ھەددىدىن زىيادە كۆپ كۈلپەتلەرنى كەلتۈردى.
مەن پەرۋەردىگار شۇنداق دەيمەنكى، بابىل ۋە ئۇنىڭدا ياشاۋاتقان بارلىق كىشىلەرنىڭ سىئوندىكى زىيانكەشلىكى ئۈچۈن، ئۇلارنى خەلقىمنىڭ كۆز ئالدىدا جازالايمەن.
مەن بىر مەزگىل قاتتىق غەزەپكە كېلىپ سەندىن يۈز ئۆرۈگەنىدىم. مەن ئەمدى مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىم بىلەن ساڭا ھېسداشلىق قىلىمەن. مانا بۇ، سېنى قوغدايدىغان، مەن پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرىدۇر.
چارلاشقا بارغانلار مىرتا دەرەخلىرىنىڭ ئارىسىدا تۇرغان پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسىگە: _ بىز دۇنيانى چارلاپ چىقتۇق. پۈتۈن دۇنيا تىنچ ۋە جىمجىت ئىكەن، _ دەپ مەلۇمات بېرىشتى.
_ مەن پەرۋەردىگار ئىلگىرى ئەجدادلىرىڭلارغا قاتتىق غەزەپلەنگەنىدىم.
چۈنكى ئۇلار تېخىمۇ زىيانكەشلىك قىلماقتا سەن جازالىغانلارغا، ئازاب قوشماقتا سەن زەخىملەندۈرگەنلەرنىڭ ئازابىغا.
يېرۇسالېمدا راھەت-پاراغەتتە ياشاۋاتقانلارنىڭ ھالىغا ۋاي! تۆپىلىككە جايلاشقان سامارىيە شەھىرىدە خاتىرجەملىكتە ياشاۋاتقانلارنىڭ ھالىغا ۋاي! سىلەر ئۆزۈڭلارنى ئەڭ مۇھىم ئەلنىڭ كاتتا ئادەملىرى دەپ ئويلايسىلەر، ئىسرائىلىيە خەلقى سىلەردىن ياردەم سوراپ، ئالدىڭلارغا كېلىدۇ.
_ ئەي ئادەم بالىسى، يېرۇسالېمنىڭ ۋەيران بولغانلىقىدىن تىر شەھىرى خۇشال بولۇپ: «سودا مەركىزىنىڭ دەرۋازىلىرى ۋەيران بولدى. ئەمدى ماڭا سودا يولى ئېچىلدى، ئۇ ۋەيران بولغانلىقى ئۈچۈن، مەن باي بولۇپ كېتىمەن» دەيدۇ.
ئى پەرۋەردىگار، ئىدوملۇقلارنىڭ زوراۋانلىقى بولسۇن يادىڭدا، يېرۇسالېم قولدىن كەتكەن كۈنى ئۇلار دېيىشكەنىدى: «ئۇنى بۇزۇڭلار، چېقىڭلار، يەر بىلەن يەكسان قىلىڭلار.»
مازاقلىرىغا قالدۇق تولىمۇ باغرى تاشلارنىڭ، خورلۇقىنى تارتتۇق خويمۇ ھاكاۋۇرلارنىڭ.
ئۇ مېنى يەنە چاقىرىپ: _ مانا قارا! شىمالغا بارغان ئاتلار پەرۋەردىگارنى غەزىپىدىن ياندۇردى، _ دېدى.
ئۇلار يولۇمنى توراپ، ماڭا زىيانكەشلىك قىلىۋاتىدۇ، ئۇلارنى توختىتىدىغان ئادەم بولمىدى.
لېكىن سىلەرنى ۋەيران قىلغانلارنىڭ ھەممىسى ۋەيران بولىدۇ. بارلىق دۈشمەنلىرىڭلار سۈرگۈن قىلىنىدۇ. سىلەرنى تالان-تاراج قىلغانلارنىڭ ئۆزىمۇ تالان-تاراج قىلىنىدۇ، سىلەرگە ھۇجۇم قىلغانلارنىڭ ھەممىسى ھۇجۇمغا ئۇچرايدۇ.
قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئىسرائىلىيە ۋە يەھۇدىيەنىڭ خەلقلىرى زۇلۇمدا قالدى. ئۇلارنى تۇتقۇن قىلغانلار ئۇلارنى قويۇۋېتىشنى رەت قىلدى.
زېمىنغا قەدەم تاشلىدىڭ غەزىپىڭدە، ئېزىپ تاشلىدىڭ ئەللەرنى قەھرىڭدە.
پەرۋەردىگار يېرۇسالېمغا قارشى چىققان بارلىق ئەللەرگە ۋابا بىلەن ھۇجۇم قىلىدۇ. ئۇلار تىرىك مۇردىلارغا ئايلىنىپ، تەنلىرى چىرىپ كېتىدۇ. كۆزلىرى كۆز چانىقىدا، تىللىرى ئېغىزلىرىدا چىرىيدۇ.