14 مەن بىلەن سۆزلىشىۋاتقان پەرىشتە ماڭا مۇنداق دېدى: _ سەن خەلققە شۇنداق دەپ جاكارلىغىن: «قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار دەيدۇكى، يېرۇسالېمغا، جۈملىدىن سىئون تېغىغا ئىچىم قاتتىق ئاغرىيدۇ.
ئۇ ۋاقىتتا پەرۋەردىگار ئۆز زېمىنىغا ئېچىنىپ، خەلقىگە ئىچ ئاغرىتىدۇ.
سەن يەنە مۇنداق جاكارلىغىن: «قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ‹مېنىڭ شەھەرلىرىم قايتا گۈللىنىدۇ. مەن سىئونغا تەسەللى بېرىپ، يېرۇسالېمنى قايتىدىن تاللايمەن.›»
مەن بىلەن سۆزلىشىۋاتقان بىر پەرىشتە بار ئىدى. مەن ئۇنىڭدىن: _ تەقسىر، بۇلار كىم بولىدۇ؟ _ دەپ سورىدىم. ئۇ: _ ئۇلارنىڭ كىملىكىنى ساڭا كۆرسىتىپ قويىمەن، _ دېدى.
غايىبتىن بىر ئاۋاز كېلىپ: «جاكارلا!» دېدى. مەن: «نېمە دەپ جاكارلايمەن؟» دەپ سورىدىم. «پۈتكۈل ئىنسانلار گۇيا ئوت-چۆپكە ئوخشايدۇ، ئۇلارنىڭ شان-شۆھرىتى دالادىكى گۈل-چېچەكلەردەك توزۇپ كېتىدۇ.
خۇدايىڭلار مۇنداق دەيدۇ: «تەسەللى بەر، خەلقىمگە تەسەللى بەر!
شۇندا پەرۋەردىگار مەن بىلەن سۆزلىشىۋاتقان پەرىشتىگە مېھىرلىك سۆزلەر بىلەن تەسەللى بەردى.
پەرۋەردىگار ساداقەتسىزلىكنى ئۆچ كۆرىدىغان ۋە ئىنتىقام ئالىدىغان خۇدادۇر. پەرۋەردىگار ئىنتىقام ئالىدىغان ۋە غەزەپلىنىدىغان خۇدادۇر. پەرۋەردىگار دۈشمەنلىرىدىن ئىنتىقام ئالىدۇ، ئۇ ئۆز رەقىبلىرىگە قەھرى بىلەن قارشى تۇرۇشتا چىڭ تۇرىدۇ.
ئەي ئىسرائىلىيە، مەن سەندىن قانداقمۇ ۋاز كېچەي، سېنى قانداقمۇ تاشلىۋېتەي، سېنى قانداقمۇ ئادماھ شەھىرىگە ئوخشاش گۇمران قىلاي، ساڭا قانداقمۇ زىبويىم شەھىرىگە ئوخشاش مۇئامىلە قىلاي؟! كۆڭلۈم بۇنداق قىلىشقا ئۇنۇمايدۇ، چۈنكى قەلبىم مۇھەببەتكە تولۇپ تاشقاندۇر.
ئى پەرۋەردىگار، ئەرشتىن بىزگە نەزەر سال! مۇقەددەس، شەرەپلىك ماكانىڭدىن نەزەر سال. سېنىڭ قىزغىنلىقىڭ، ھەممىگە قادىرلىقىڭ نەگە كەتتى؟ سېنىڭ بىزگە ئىچ ئاغرىتىشىڭ ۋە شاپائىتىڭ توختاپ قالدىغۇ؟
ئۇ ھەققانىيلىقنى ساۋۇت، قۇتقۇزۇش قۇدرىتىنى دۇبۇلغا، قىساسنى كىيىم، قىزغىنلىقنى تون قىلىپ كىيىدۇ.
پەرۋەردىگار خۇددى باتۇر جەڭچىدەك، ھاياجان بىلەن جەڭ شوئارى توۋلاپ، دۈشمەنلىرىنى مەغلۇپ قىلىدۇ.
شۇ چاغدا خىزكىيامۇ «مېنىڭ پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىغا قايتا بارالايدىغانلىقىمدىن قانداق بېشارەت بېرىسەن؟» دەپ سورىغانىدى.
ئۇنىڭ ھاكىمىيىتى ۋە تىنچلىقى چەكسىز ئۇزۇن بولىدۇ، ئۇ داۋۇتنىڭ تەختىدە ئولتۇرۇپ، ئادالەت ۋە ھەققانىيلىق بىلەن ئۇنىڭ پادىشاھلىقىنى مۇستەھكەم قىلىپ قۇرۇپ چىقىدۇ. بۇ، شۇ ۋاقىتتىن باشلاپ مەڭگۈگە داۋاملىشىدۇ. قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار بۇنى جان دىلى بىلەن ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ!
مەن بىلەن سۆزلەشكەن ئاشۇ پەرىشتە قايتىپ كېلىپ، خۇددى مۈگدەپ قالغان ئادەمنى نوقۇپ سەگەكلەشتۈرگەندەك، مېنى نوقۇپ سەگەكلەشتۈردى.
شۇنداق، بۇ ئاز بىر قىسىم ئادەملەر كۆپىيىپ يېرۇسالېمدىن چىقىدۇ، يەنى قۇتۇلۇپ قالغانلار سىئون تېغىدىن چۈشىدۇ. قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار بۇنى جان دىلى بىلەن ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ!
يېرۇسالېمغا مۇلايىملىق بىلەن سۆزلىگىن، ئۇلارغا جاكارلىغىن: ‹سىلەرنىڭ ئازابلىق كۈنلىرىڭلار ئاخىرلاشتى، سىلەرنىڭ گۇناھلىرىڭلار كەچۈرۈم قىلىندى. سىلەر ئۆز گۇناھلىرىڭلار ئۈچۈن پەرۋەردىگارنىڭ سىلەرگە بەرگەن جازاسىنى ئىككى ھەسسە ئارتۇق تارتتىڭلار.›»
‹مەن يات ئەللەرنى ۋە ئىدومنى قەھر-غەزىپىم بىلەن ئەيىبلەيمەن، چۈنكى ئۇلار زېمىنىمنى خۇرسەن بولغان ۋە ھېچكىمنى كۆزگە ئىلمىغان ھالدا ئىگىلىۋالدى ھەم ئوتلاقلىرىمنى يۇتۇۋالدى.›»