Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




زىكىرىيا 1:11 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

11 چارلاشقا بارغانلار مىرتا دەرەخلىرىنىڭ ئارىسىدا تۇرغان پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسىگە: _ بىز دۇنيانى چارلاپ چىقتۇق. پۈتۈن دۇنيا تىنچ ۋە جىمجىت ئىكەن، _ دەپ مەلۇمات بېرىشتى.

Gade chapit la Kopi




زىكىرىيا 1:11
16 Referans Kwoze  

ئۇ ۋاقىتتا مىرتا دەرەخلىرىنىڭ ئارىسىدا تۇرغۇچى جاۋاب بېرىپ: _ ئارقامدىكىلەر پەرۋەردىگار دۇنيانى چارلاشقا ئەۋەتكەنلەردۇر، _ دېدى.


مېنىڭ راھەت-پاراغەتتە ياشاۋاتقان ھاكاۋۇر ئەللەرگە قاتتىق غەزىپىم بار. چۈنكى مەن خەلقىمگە ئازراققىنە غەزەپلىنىپ قويسام، ئۇ ئەللەر خەلقىمگە ھەددىدىن زىيادە كۆپ كۈلپەتلەرنى كەلتۈردى.


مەن بۇ بېشارەتنى كېچىدە غايىبانە ئالامەتتە كۆردۈم. بىرسى تورۇق ئاتقا مىنىپ، جىلغىدىكى مىرتا دەرەخلىرىنىڭ ئارىسىدا تۇراتتى. ئۇنىڭ كەينىدە تورۇق ئات، قوڭۇر ئات ۋە ئاق ئاتقا مىنگەنلەر تۇراتتى.


مەزكۇر كىتاب ئەيسا مەسىھنىڭ ۋەھىيسىدۇر. خۇدا يېقىن كەلگۈسىدە يۈز بېرىشى مۇقەررەر بولغان ۋەقەلەرنى ئۆز خىزمەتكارلىرىغا كۆرسىتىش ئۈچۈن، ئەيسا مەسىھكە بۇ ۋەھىينى چۈشۈردى. مەسىھ بۇنى ئۆز پەرىشتىسى ئارقىلىق خىزمەتكارى يۇھانناغا ئايان قىلدى.


كىشىلەر «دۇنيا تىنچ-ئامان» دەپ تۇرغاندا، تاسادىپىي ئۇلارغا ھالاكەت كېلىدۇ. بۇ خۇددى ھامىلىدار ئايالنىڭ تولغىقى ئۇشتۇمتۇت تۇتقىنىغا ئوخشاش بولۇپ، ئۇنىڭدىن قېچىپ قۇتۇلغىلى بولمايدۇ.


- ئىنسانئوغلى ئۆز شان-شەرىپى ئىچىدە پۈتۈن پەرىشتىلىرى بىلەن بىللە كەلگىنىدە، پادىشاھ بولۇپ شەرەپ تەختىدە ئولتۇرىدۇ.


قىيامەت كۈنىمۇ شۇنداق بولىدۇ. پەرىشتىلەر كېلىپ يامان كىشىلەرنى ھەققانىي كىشىلەردىن ئايرىيدۇ


ئىنسانئوغلى پەرىشتىلىرىنى ئەۋەتىپ، ئىنسانلارنى گۇناھقا ئازدۇرغان ۋە يامانلىق قىلغانلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆز پادىشاھلىقىدىن شاللاپ،


بۇ كۈچلۈك ئاتلار پۈتۈن زېمىننى چارلاشقا تەقەززادۇر. پەرىشتە ئۇلارغا: _ بېرىڭلار، زېمىننى چارلاپ كېلىڭلار _ دېدى. شۇنداق قىلىپ، ئۇلار چارلاشقا كەتتى.


ئۇ ماڭا: _ يېنىڭغا نېمە ئۈچۈن كەلگەنلىكىمنى بىلەمسەن؟ مەن ساڭا «ھەقىقەت يازمىلىرى»دىكى سۆزلەرنى ئېلىپ كەلدىم. مەن قايتىپ بېرىپ، پېرسىيە پادىشاھلىقىنى قوغدايدىغان پەرىشتە بىلەن جەڭ قىلىمەن. كېيىن يۇنان پادىشاھلىقىنى قوغدايدىغان پەرىشتە مەيدانغا چىقىدۇ. ماڭا ئىسرائىلىيەنى قوغدايدىغان پەرىشتە مىكائىلدىن باشقا ھېچكىم ياردەم بەرمەيدۇ.


ئەمما ھازىر پۈتكۈل زېمىن تىنچلىنىپ، ئارام ئالدى. خەلقلەر خۇشاللىق بىلەن تەنتەنە قىلدى.


خۇدانىڭ جەڭ ھارۋىلىرى نۇرغۇن، سان-ساناقسىز، سىناي تېغىدىن مۇقەددەس ئىبادەتخانىغا كىرەر ئىگىمىز.


شۇنداقلا، رەببىمىز ئەيسا قۇدرەتلىك پەرىشتىلەر ۋە يالقۇنلۇق ئوت بىلەن ئەرشتىن قايتا كەلگەن چاغدا، خۇدا ئازاب-ئوقۇبەت چەككەن سىلەرگە ۋە بىزگە ئاراملىق بېرىدۇ.


پەرۋەردىگار شەيتاندىن: _ قەيەردىن كەلدىڭ؟ _ دەپ سورىدى. _ زېمىننى ئايلىنىپ يۈرگەنىدىم، شۇ يەردىن كەلدىم _ دېدى شەيتان جاۋابەن.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite