Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




تىتۇسقا يېزىلغان خەت 3:9 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

9 ئەخمىقانە تالاش-تارتىشلار، نەسەبنامىلەر توغرىسىدىكى قۇرۇق گەپ-سۆزلەر ۋە تەۋرات قانۇنى بىلەن مۇناسىۋەتلىك جېدەل-ماجىرالاردىن ساقلان. چۈنكى، بۇ ئىشلار پايدىسىز ۋە ئەھمىيەتسىزدۇر.

Gade chapit la Kopi




تىتۇسقا يېزىلغان خەت 3:9
10 Referans Kwoze  

بۇ ئىشلارنى داۋاملىق ئېتىقادچىلارنىڭ سەمىگە سال. خۇدا ئالدىدا ئۇلارنى بىمەنە سۆزلەر توغرىسىدا تالاش-تارتىش قىلماسلىققا بۇيرۇغىن. بۇنداق تالاش-تارتىشلارنىڭ ھېچقانداق پايدىسى بولمايلا قالماي، بەلكى ئاڭلىغۇچىلارنىڭ ئېتىقادىنى ۋەيران قىلىدۇ.


ئەخمىقانە ۋە بىھۇدە تالاش-تارتىشلارغا ئارىلىشىشنى رەت قىل. چۈنكى، بۇنداق ئىشلارنىڭ جېدەل تېرىيدىغانلىقىنى بىلىسەن.


خۇدانىڭ ھەقىقىتىنى بۇرمىلايدىغان بىمەنە ئەپسانىلەرنى رەت قىلىپ، ئۆزۈڭنى ئىخلاسمەنلىك يولىدا يېتىلدۈرگىن.


خۇداغا بولغان ئىخلاسمەنلىككە مۇناسىپ كەلمىگەن قۇرۇق گەپلەردىن ساقلان. چۈنكى، بۇنداق گەپلەرنى قىلغۇچىلار خۇدادىن تېخىمۇ يىراقلىشىدۇ.


ئۇلار بىمەنە يەھۇدىي ئەپسانىلىرىگە ۋە ھەقىقىي تەلىمدىن چەتنىگەنلەرنىڭ دىنىي قائىدە-يوسۇنلىرىغا قۇلاق سالمىسۇن.


ئەلۋەتتە، ئۇ پايدىسىز سۆزلەرنى قىلمايدۇ، كېرەكسىز سۆزلەرنى ئىشلىتىپ مۇنازىرىلەشمەيدۇ.


ئەمدى خېتىڭلاردىكى بۇتقا ئاتاپ نەزىر قىلىنغان گۆشنى يېيىش ياكى يېمەسلىك مەسىلىسىگە كېلەيلى. سىلەر ھەممىمىزنىڭ بۇ مەسىلىگە نىسبەتەن بىلىمىمىز بار، دەپ قارايسىلەر. بىراق، بىلىمى كۆپ بولغان ئادەم تەكەببۇرلىشىپ كېتىشى مۇمكىن. لېكىن، مېھىر-مۇھەببىتى كۆپ بولغان ئادەم بولسا قېرىندىشىنىڭ ئېتىقادىنى مۇستەھكەملەشكە پۇرسەت ئىزدەيدۇ.


گەرچە خۇدانىڭ ۋەھىيسىنى يەتكۈزۈش قابىلىيىتىم بولسىمۇ، دۇنيانىڭ پۈتكۈل سىرلىرىنى بىلسەممۇ، خۇدادىن كەلگەن ئالاھىدە بىلىملەرگە ئىگە بولساممۇ ۋە تاغلارنى ئورنىدىن قوزغىتالايدىغان كامىل ئىشەنچىم بولسىمۇ، لېكىن باشقىلارغا مېھىر-مۇھەببىتىم بولمىسا، ھېچنېمىگە ئەرزىمەس بىر ئادەم بولۇپ قالىمەن.


ئاراڭلاردىكى توقۇنۇش ۋە ماجىرالارنىڭ مەنبەسى نېمە؟ بۇ دەل قەلبىڭلارنى چىرمىۋالغان ئارزۇ-ھەۋەسلىرىڭلار ئەمەسمۇ؟


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite