Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




تىتۇسقا يېزىلغان خەت 3:7 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

7 بۇنىڭ بىلەن، بىز خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتىدىن ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلىنىپ، مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشىش ئۈمىدىگە ئىگە بولدۇق.

Gade chapit la Kopi




تىتۇسقا يېزىلغان خەت 3:7
25 Referans Kwoze  

خۇدانىڭ پەرزەنتلىرى ئىكەنمىز، ئۇنىڭ ۋەدە قىلغان ھەقىقىي بايلىقىغا مىراسخورمىز، شۇنداقلا ئۇنىڭغا ئەيسا مەسىھ بىلەن بىللە مىراسخورلۇق قىلىمىز. كەلگۈسىدە ئەيسا مەسىھ بىلەن بىرلىكتە خۇدانىڭ شان-شەرىپىدىن بەھرىمەن بولۇش ئۈچۈن، بىزمۇ ھازىر ئەيسا مەسىھكە ئوخشاش، ئازاب-ئوقۇبەتلەرنى تارتىۋاتىمىز.


لېكىن، خۇدا بىزگە مېھىر-شەپقەت كۆرسىتىپ، بىزنى بەدەلسىز ھالدا ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلىدى. بۇ، ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى. چۈنكى، ئۇ بىزنى گۇناھنىڭ قۇللۇقىدىن ئازاد قىلدى.


سەۋەبى، خۇدانىڭ بارلىق ئىنسانلارنى قۇتقۇزىدىغان مېھىر-شەپقىتى ئايان بولدى.


بەزىلىرىڭلار بۇرۇن مانا شۇنداقلاردىن ئىدىڭلار. لېكىن، رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ كۈچ-قۇدرىتى ۋە خۇدانىڭ روھى ئارقىلىق گۇناھىڭلار يۇيۇلۇپ، خۇداغا ئاتالدىڭلار ۋە خۇدا تەرىپىدىن ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلاندىڭلار.


بۇ ئېتىقاد ۋە ھەقىقەت بىزدە مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشىش ئۈمىدىنى پەيدا قىلىدۇ. يالغانچىلىقتىن مۇستەسنا بولغان خۇدا دۇنيا ئاپىرىدە بولۇشتىن ئىلگىرىلا بۇ مەڭگۈلۈك ھاياتنى ۋەدە قىلغان.


قەدىرلىك قېرىنداشلىرىم، قۇلاق سېلىڭلار! خۇدا بۇ دۇنيادىكى كەمبەغەللەرنى ئېتىقاد جەھەتتە باي قىلىش ھەمدە ئۇلارنى ئۆزىنى سۆيگەنلەرگە بېرىشكە ۋەدە قىلغان پادىشاھلىقىغا ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن، تاللىدى.


لېكىن، بىز ئىنسانلارنىڭ تەۋرات قانۇنىغا ئەمەل قىلىش ئارقىلىق ئەمەس، بەلكى ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلىش ئارقىلىق ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلىنىدىغانلىقىنى بىلىمىز. شۇ سەۋەبتىن، بىز يەھۇدىيلارمۇ ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلدۇق. ھېچكىم تەۋرات قانۇنىغا ئەمەل قىلىش ئارقىلىق ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلىنالمايدۇ.


بۇلارنىڭ تاللىنىشى ئۆزلىرى قىلغان ياخشى ئەمەللىرى بىلەن ئەمەس، بەلكى خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتى بىلەن بولغان. ئۇنداق بولمىغاندا، بۇ مېھىر-شەپقەتنى مېھىر-شەپقەت دېگىلى بولمايتتى.


دېمەك، ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولغانىكەنسىلەر، سىلەرمۇ ئىبراھىمنىڭ ئەۋلادى بولىسىلەر ۋە ئىبراھىمغا ۋەدە قىلىنغان بەخت-سائادەتكە ئېرىشىسىلەر.


شۇنىڭ ئۈچۈن، ئېتىقادىمىز ئارقىلىق خۇدانىڭ بىزگە ۋەدە قىلغان بەخت-سائادىتىگە ئېرىشىمىز. بۇ، بىز ئېرىشىشكە تېگىشلىك ھەق ئەمەس، بەلكى خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتىدىن كەلگەن. بۇ ۋەدە ئىبراھىمنىڭ پۈتكۈل ئەۋلادلىرى، يەنى ئىبراھىمغا ئوخشاش ئېتىقاد يولىدا ماڭغانلار ئۈچۈن بېرىلگەندۇر. مەيلى ئۇلار يەھۇدىي ئەمەسلەر بولسۇن ياكى تەۋرات قانۇنىدىكى قائىدىلەر بويىچە ياشايدىغان يەھۇدىيلار بولسۇن، بۇ ۋەدە ھەممىسىنىڭ بۇ بەخت-سائادەتكە ئېرىشىدىغانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ. چۈنكى، ئىبراھىم بارلىق ئېتىقادچىلارنىڭ ئاتىسىدۇر.


دېمەك، خۇدانىڭ بىزنى تەۋرات قانۇنىغا ئەمەل قىلىشىمىز بىلەن ئەمەس، بەلكى ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلىشىمىز بىلەن ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلايدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز.


ئەي ئەرلەر، شۇنىڭغا ئوخشاش، سىلەرمۇ ئاياللىرىڭلار بىلەن بولغان تۇرمۇشتا ئۇلارنىڭ سىلەردىن ئاجىز ئىكەنلىكىنى چۈشىنىپ، ئۇلارغا كۆيۈنۈڭلار ۋە ئۇلارنى ھۆرمەتلەڭلار. چۈنكى، ئۇلارمۇ سىلەرگە ئوخشاش، خۇدا ئاتا قىلغان يېڭى ھاياتتىن ئورتاق بەھرىمەن بولغۇچىلاردۇر. شۇنداق قىلساڭلار، دۇئالىرىڭلار توسالغۇغا ئۇچرىمايدۇ.


ئۇ ۋەدە قىلىنغان جايغا بېرىپ، بۇ ياقا يۇرتتا چېدىرلاردا تۇرۇپ، ئېتىقادى بىلەن ياشىدى. خۇدانىڭ ئىبراھىمغا قىلغان ۋەدىسىنىڭ مىراسخورلىرى بولغان ئىسھاق ۋە ياقۇپلارمۇ شۇنداق چېدىرلاردا تۇردى.


ئېتىقادى ۋەجىدىن، نۇھ پەيغەمبەر تېخى كۆرۈلۈپ باقىمغان ۋەقەلەر ھەققىدە خۇدا تەرىپىدىن ئاگاھلاندۇرۇلغاندا، خۇدانىڭ سۆزىگە ئىتائەت قىلىپ، پۈتۈن ئائىلىسىدىكىلەرنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن بىر كېمە ياسىدى. ھەمدە ئېتىقادى ئارقىلىق دۇنيادىكى ئادەملەرنىڭ قىلمىشلىرىنىڭ جازالىنىشقا لايىق ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەردى. ئېتىقادى ۋەجىدىن، ئۇ خۇدا تەرىپىدىن ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلاندى.


شۇنىڭدەك، خۇدا ئۆز ۋەدىسىگە ئېرىشىدىغان كىشىلەرگە ئۆز ئىرادىسىنىڭ ئۆزگەرمەيدىغانلىقىنى ئوچۇق بىلدۈرۈش ئۈچۈن، ۋەدە بەرگەندە قەسەم قىلدى.


شۇنىڭ ئۈچۈن، ئەمدى سىلەر قۇل ئەمەس، بەلكى خۇدانىڭ پەرزەنتلىرىسىلەر. خۇدانىڭ پەرزەنتلىرى بولغانىكەنسىلەر، خۇدانىڭ ۋەدە قىلغانلىرىغا مىراسخور بولىسىلەر.


ئەمگەك قىلغۇچىنىڭ ئالغىنى سوۋغات ئەمەس، بەلكى ئۆزىنىڭ ئېرىشىشكە تېگىشلىك ھەققى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.


بىز ئۇلۇغ خۇدا بولغان قۇتقۇزغۇچىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ شان-شەرەپ بىلەن قايتا كېلىشىدىن ئىبارەت مۇبارەك ئۈمىدىمىزنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىنى ئىنتىزارلىق بىلەن كۈتىمىز.


ئۇ ئوڭ يېنىدىكى كىشىلەرگە: «ئەي ئاتام تەرىپىدىن بەختلىك قىلىنغانلار، كېلىڭلار! دۇنيا ئاپىرىدە بولغاندىن بېرى سىلەر ئۈچۈن تەييارلانغان مىراس - خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا ئىگە بولۇڭلار!


ھەزرىتى ئەيسا سەپەرگە چىقىش ئالدىدا، بىر كىشى يۈگۈرۈپ كېلىپ، ئۇنىڭ ئالدىدا تىز پۈكۈپ: - ئى ياخشى ئۇستاز، مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشىش ئۈچۈن قانداق قىلىشىم كېرەك؟ - دەپ سورىدى.


رەببىمىز ئەيسا مەسىھ ۋە بىزگە مېھىر-مۇھەببەت كۆرسەتكەن، ئۆزىنىڭ مېھىر-شەپقىتى بىلەن مەڭگۈلۈك رىغبەت ھەم گۈزەل ئۈمىد ئاتا قىلغان خۇدائاتىمىز سىلەرنى رىغبەتلەندۈرگەي ھەمدە سىلەرگە بارلىق ياخشى ئىش، ياخشى سۆزلەرنى قىلىشقا كۈچ-قۇدرەت بەرگەي!


شۇنداق ئىكەن، پۈتكۈل پەرىشتىلەر پەقەت خۇدانىڭ خىزمەتكارلىرىدۇر. ئۇلار قۇتقۇزۇلىدىغانلارغا خىزمەت قىلىش ئۈچۈن خۇدا تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن روھلاردۇر.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite