تىتۇسقا يېزىلغان خەت 3:5 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى5 بىز ياخشى ئەمەللەر بىلەن ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ رەھىم-شەپقىتىدىن قۇتقۇزۇلدۇق. خۇدا بىزنىڭ گۇناھلىرىمىزنى يۇيۇپ، مۇقەددەس روھ ئارقىلىق بىزنى قايتىدىن تۆرەلدۈرۈپ، يېڭى ھاياتقا ئېرىشتۈرۈش بىلەن بىزنى قۇتقۇزدى. Gade chapit la |
خۇدا ئۇنىڭغا: «چوڭى كىچىكىگە خىزمەت قىلىدۇ» دېگەنىدى. چۈنكى، بىر ئاتىدىن بولغان بۇ قوشكېزەكلەر، يەنى ئەساۋ بىلەن ياقۇپ تېخى تۇغۇلمىغان، دېمەك ئۇلار بىرەر ياخشى ياكى يامان ئىشمۇ قىلماستا، خۇدا ئاللىقاچان ئۇلاردىن بىرنى تاللىغانىدى. بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇكى، خۇدانىڭ ئادەملەرنى تاللىشى ئۇلارنىڭ قىلغان ئەمەلىيىتىگە ئەمەس، پەقەت ئۆزىنىڭ ئىرادىسىگە، يەنى ئۆز چاقىرىقىغا ئاساسلانغان.
سىلەرنىڭ ئۇلارنىڭ زېمىنىنى ئىگىلىشىڭلار ئىش-ئەمەللىرىڭلارنىڭ ھەققانىي، دۇرۇس بولغانلىقى سەۋەبىدىن ئەمەس، بەلكى ئۇلارنىڭ رەزىل بولغانلىقى سەۋەبىدىندۇر. پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانىڭ ئۇلارنى كۆز ئالدىڭلاردا زېمىنىدىن قوغلىۋېتىشى پەرۋەردىگارنىڭ ئەجدادلىرىڭلار بولغان ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە ياقۇپلارغا بەرگەن ۋەدىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشى سەۋەبىدىندۇر.