15 يېنىمدىكىلەرنىڭ ھەممىسىدىن ساڭا سالام. كرىت ئارىلىدىكى بىزنى سۆيىدىغان ئېتىقادچىلارغا سالام ئېيت. خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتى ھەممىڭلارغا يار بولغاي!
خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتى ھەممىڭلارغا يار بولغاي!
بىزنىڭ بۇنداق بۇيرۇق قىلىشىمىزدىن مەقسەت، پاك قەلب، ساپ ۋىجدان ۋە چىن ئېتىقادتىن كېلىپ چىققان مېھىر-مۇھەببەتنى باشقىلارغا كۆرسىتىشىڭلار ئۈچۈندۇر.
مەنكى پاۋلۇس بۇ ئاخىرقى سالامنى ئۆز قولۇم بىلەن يېزىۋاتىمەن. مېنىڭ پۇت-قوللىرىمنىڭ كىشەنلىك ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇماڭلار. خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتى سىلەرگە يار بولغاي!
بىز ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولغانلىقىمىز ئۈچۈن، خەتنە قىلىش ياكى قىلماسلىق مۇھىم ئەمەس، پەقەت مېھىر-مۇھەببەت ئارقىلىق ئىپادىلەنگەن ئېتىقادلا مۇھىم، دەپ قارايمىز.
قەدىرلىك گايۇسقا، مەنكى ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىنىڭ يېتەكچىسىدىن سالام! مەن چىن كۆڭلۈمدىن سېنى سۆيىمەن.
چۈنكى، مەن سېنىڭ رەببىمىز ئەيساغا بولغان ئېتىقادىڭ ۋە بارلىق ئېتىقادچىلارغا بولغان مېھىر-مۇھەببىتىڭ توغرىسىدا ھەر دائىم ئاڭلاپ تۇرۇۋاتىمەن.
رەببىمىز سىلەر بىلەن بىللە بولغاي. خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتى سىلەرگە يار بولسۇن!
ئېتىقاد يولىدا ئۆز ئوغلۇمدەك بولۇپ قالغان تىموتىيغا سالام. خۇدائاتىمىز ۋە رەببىمىز ئەيسا مەسىھ ساڭا مېھىر-شەپقەت، رەھىمدىللىك ۋە ئامانلىق ئاتا قىلغاي!
رەببىمىز ئەيسانىڭ مېھىر-شەپقىتى سىلەرگە يار بولغاي.
ئەگەر سىلەر دوستلىرىڭلار بىلەنلا سالام-سەھەت قىلىشساڭلار، بۇنىڭ باشقىلاردىن نېمە پەرقى؟ ھەتتا بۇتپەرەسلەرمۇ شۇنداق قىلىدىغۇ!
مەن ئىككى بىلىكىمگە تايىنىپ، ئۆزۈمنىڭ ۋە ھەمراھلىرىمنىڭ ھاجىتىدىن چىقتىم.