Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




تىتۇسقا يېزىلغان خەت 3:14 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

14 ئېتىقادچى قېرىنداشلىرىمىز ھاجەتمەنلەرگە ياردەم قىلىپ، ئۆزلىرىنى ياخشى ئەمەللەرنى قىلىشقا بېغىشلاشنى ئۆگەنسۇن. شۇنداق بولغاندا، ئۇلارنىڭ ھاياتى مېۋىسىز بولمايدۇ.

Gade chapit la Kopi




تىتۇسقا يېزىلغان خەت 3:14
21 Referans Kwoze  

شۇنداق بولغاندا، رەببىمىزنىڭ ئىرادىسىگە مۇناسىپ ياشاپ، ھەر جەھەتتىن ئۇنى خۇرسەن قىلالايسىلەر ھەمدە ھاياتىڭلاردا ھەربىر ياخشى ئىشتا مېۋە بېرىپ، خۇدانى تېخىمۇ چوڭقۇر تونۇپ يېتەلەيسىلەر.


بۇ سۆزلىرىم ھەقتۇر. ئۇلارنى تەكىتلىشىڭنى ئۈمىد قىلىمەن. شۇنداق قىلغىنىڭدا، خۇداغا ئېتىقاد قىلغانلار ئۆزلىرىنى دائىم تىرىشچانلىق بىلەن ياخشى ئەمەللەرنى قىلىشقا بېغىشلايدۇ. بۇ تەلىملەر ئىنسانلار ئۈچۈن ياخشى ھەم پايدىلىقتۇر.


ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق ھاياتىڭلار يەنە ھەققانىيلىق مېۋىسى بىلەن تولۇپ، خۇداغا شان-شەرەپ ۋە مەدھىيىلەر ئېلىپ كېلىسىلەر.


ياخشى مېۋە بەرمەيدىغان ھەربىر دەرەخ كېسىلىپ ئوتقا تاشلىنىدۇ.


چۈنكى، سىلەر بۇ خۇسۇسىيەتلەرگە ئىگە بولساڭلار، شۇنداقلا بۇ خۇسۇسىيەتلەرنى ھاياتىڭلاردا تېخىمۇ يېتىلدۈرسەڭلار، سىلەرنىڭ رەببىمىز ئەيسا مەسىھكە بولغان تونۇشۇڭلار ئەھمىيەتسىز بولمايدۇ، ئەكسىچە ھاياتىڭلاردا ياخشى نەتىجىلەر بارلىققا كېلىدۇ.


مېنىڭ بۇنداق دېيىشىم، سىلەردىن بىرەر سوۋغات تەلەپ قىلىش ئەمەس، بەلكى سىلەرنىڭ ماڭا بەرگەن ياردىمىڭلار ئۈچۈن خۇدانىڭ سىلەرگە زور بەخت قايتۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىشتۇر.


بۇرۇن ئوغرىلىق قىلغانلار ئەمدى ئوغرىلىق قىلمىسۇن. ئەكسىچە، ئىككى بىلىكىگە تايىنىپ ساداقەتمەنلىك بىلەن ئىشلىسۇن. تاپقىنىدىن ھاجەتمەنلەرگە ئۈلەشتۈرسۇن.


سىلەر مېنى تاللىغىنىڭلار يوق، ئەكسىچە مەن سىلەرنى تاللىدىم. مەن سىلەرنى مېۋە بەرسۇن ھەمدە مېۋىلىرىڭلار مەڭگۈ ساقلانسۇن، دەپ تەيىنلىدىم. مۇشۇنداق مېۋە بەرگىنىڭلاردا، مېنىڭ نامىم بىلەن ئاتامدىن نېمە تىلىسەڭلار، ئاتام شۇنى بېرىدۇ.


سىلەر كۆپ مېۋە بېرىشىڭلار ئارقىلىق مېنىڭ شاگىرتلىرىم ئىكەنلىكىڭلارنى ئىسپاتلايسىلەر. بۇ، ئاتامغا شان-شەرەپ ئېلىپ كېلىدۇ.


ھېچكىمنىڭ نېنىنى بىكارغا يېمىگەنىدۇق. بىز ھېچقايسىڭلارغا ئېغىرىمىزنى سالماسلىق ئۈچۈن، تىرىشىپ-تىرمىشىپ، كېچە-كۈندۈزلەپ ئىشلىگەنىدۇق.


ھەرقانداق ئىشتا سىلەرگە مۇشۇنداق ئەجىر ئارقىلىق ھاجەتمەنلەرگە ياردەم بېرىش لازىملىقىنى كۆرسەتتىم. شۇنداق قىلساڭلار، رەببىمىز ئەيسا ئۆزى ئېيتقان: «بەرمەك ئالماقتىنمۇ زور بەخت» دېگىنىنى ئېسىڭلاردىن چىقارمايسىلەر!


ئۇ يول بويىدىكى بىر تۈپ ئەنجۈر دەرىخىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭ يېنىغا باردى. دەرەختە يوپۇرماقتىن باشقا ھېچ نەرسە تاپالماي، دەرەخكە قاراپ: - بۇنىڭدىن كېيىن مەڭگۈ مېۋە بەرمىگەيسەن! - دېۋىدى، ئەنجۈر دەرىخى شۇئان قۇرۇپ كەتتى.


ئۇلارنىڭ يېنىدا قېلىپ ئىشلىدى. چۈنكى، بۇرۇندىن چېدىر ياساش بىلەن تۇرمۇش كەچۈرىدىغان پاۋلۇس ئۇلار بىلەن كەسىپداش چىقىپ قالدى.


سىئوندىكى ماتەم تۇتقانلارنىڭ ھەسرەت كۈلىنىڭ ئورنىغا ھەشەمەتلىك تاجنى، ماتەمنىڭ ئورنىغا خۇشاللىق مېيىنى، مەيۈس روھنىڭ ئورنىغا ھەمدۇسانا تونلىرىنى بېرىدىغانلىقىنى يەتكۈزۈشكە ئەۋەتتى. ئۇلار «ھەققانىيلىق دەرەخلىرى» دەپ ئاتىلىدۇ، پەرۋەردىگارنىڭ شان-شەرىپىنى نامايان قىلىش ئۈچۈن، ئۇلارنى پەرۋەردىگار كۆچەت قىلىپ تىككەندۇر.


قېرىنداشلار، بىزنىڭ قانداق تىرىشىپ-تىرمىشىپ ئىشلىگەنلىكىمىز جەزمەن ئېسىڭلاردا باردۇر. بىز ھېچقايسىڭلارغا ئېغىرىمىزنى سالماسلىق ئۈچۈن، بىر تەرەپتىن كېچە-كۈندۈزلەپ ئىشلەپ تۇرمۇشىمىزنى قامدىساق، يەنە بىر تەرەپتىن خۇدانىڭ خۇش خەۋىرىنى سىلەرگە يەتكۈزدۇق.


مەن بۇ ئىئانىنى ئۇلارغا تىنچ-ئامان تاپشۇرۇپ بولغاندىن كېيىن، سىلەرگە يولۇقۇپ، ئاندىن ئىسپانىيىگە بارىمەن.


خۇدانىڭ مۇقەددەس خەلقى ئارىسىدىن ئېھتىياجى چۈشكەنلەرگە ياردەم قىلىڭلار ۋە ئۇلارغا مېھماندوست بولۇڭلار.


سالونىكا شەھىرىدىكى ۋاقتىمدىمۇ، سىلەر ماڭا بىرنەچچە قېتىم ياردەم بېرىپ، ئېھتىياجىمدىن چىقتىڭلار.


ھەمدە باشقىلار قۇسۇر تاپالمايدىغان توغرا سۆزلەر بىلەن تەلىم بەرگىن. بۇنىڭ بىلەن، بىزگە قارشى چىققۇچىلار يامان گېپىمىزنى قىلىشقا سەۋەب تاپالماي ئۇيالسۇن.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite