تىتۇسقا يېزىلغان خەت 3:10 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى10-11 شۇنداق ئىشلارنى قىلىپ ئېتىقادچىلار ئارىسىدا گۇرۇھۋازلىق پەيدا قىلغۇچىلارنى ئاگاھلاندۇر. بىر-ئىككى قېتىملىق ئاگاھلاندۇرۇشتىن كېيىن يەنە گۇرۇھۋازلىق قىلسا، ئۇلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىڭنى ئۈز. بۇنداق ئادەملەرنىڭ ھەقىقەتتىن چەتنىگەن، گۇناھكار ئادەملەر ئىكەنلىكى ئېنىقتۇر. ئۇلارنىڭ قىلغان گۇناھلىرى ئۆزلىرىنى جازاغا مەھكۇم قىلىدۇ. Gade chapit la |
بۇرۇن ئىسرائىل خەلقى ئىچىدە ساختا پەيغەمبەرلەر بولغىنىدەك، سىلەرنىڭ ئاراڭلاردىمۇ ساختا تەلىم بەرگۈچىلەر مەيدانغا چىقىدۇ. ئۇلار ئادەملەرنى ھالاك قىلىدىغان ساختا تەلىملەرنى ئاراڭلارغا يوشۇرۇن كىرگۈزىدۇ. ئۇلار ھەتتا ئۆزلىرىنىڭ گۇناھلىرىنىڭ بەدىلىنى تۆلەپ جېنىنى قۇربان قىلغان رەبنىمۇ رەت قىلىدۇ. بۇنىڭ بىلەن، ئۇلار تېزلا ئۆز بېشىغا ھالاكەت كەلتۈرىدۇ.