1 سەن ئېتىقادچىلارغا شۇنى ئەسلىتىپ تۇرغىنكى، ئۇلار ھۆكۈمەت ۋە ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىغا بويسۇنسۇن، ئۇلارنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ، ھەرقانداق ياخشى ئەمەللەرنى قىلىشقا تەييار تۇرسۇن.
ئەگەر بىر ئەمەلدار ساڭا ئاچچىقلانغان بولسا، بۇنىڭلىق بىلەن ئىش ئورنۇڭنى تاشلىما، چۈنكى تەمكىنلىك ئادەمنى چوڭ خاتالىقتىن قۇتقۇزۇپ قالىدۇ.
ئەي ئوغلۇم! پەرۋەردىگاردىن قورقماس بولما، پادىشاھنى ھۆرمەتلىمەي قالما، ئۇلارغا قارشى چىققۇچىلارغا شېرىك بولما.
- رىم ئىمپېراتورى قەيسەرنىڭ، - دەپ جاۋاب بەردى ئۇلار. - ئۇنداق بولسا، قەيسەرنىڭ ھەققىنى قەيسەرگە، خۇدانىڭ ھەققىنى خۇداغا تاپشۇرۇڭلار، - دېدى ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا.
سىلەرنى سىلەر ئېھتىياج بولغان بارلىق ياخشى نەرسىلەر بىلەن تەمىنلەپ، ئۆز ئىرادىسىنىڭ ئىجراچىلىرى قىلغاي! ئەبەدىلئەبەد شان-شەرەپكە لايىق بولغان ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق سىلەرنى ئۆزىنى خۇرسەن قىلىدىغان ئىشلارنى قىلىشقا يېتەكلىگەي، ئامىن!
ئەگەر بىر كىشى ئۆزىنى يۇقىرىقى يامان ئىشلاردىن پاك تۇتسا، ئۇ خۇددى ئالاھىدە سورۇنلاردا ئىشلىتىلىدىغان ئالتۇن-كۈمۈش قاچىغا ئوخشايدۇ. چۈنكى، ئۇ پاك بولىدۇ ھەمدە خوجايىنىغا، يەنى خۇداغا ياراملىق كىشى بولۇپ، ھەرقانداق ياخشى ئىشلارنى قىلىشقا تەييار تۇرىدۇ.
شۇنىڭ ئۈچۈن مەن شۇنى يادىڭغا سالايكى، قوللىرىمنى ئۇچاڭغا قويغان چاغدا، خۇدا ساڭا بەرگەن قابىلىيەتنى تولۇق ئىشلەتكەيسەن.
ئۇلار يەنە ياخشىلىقلىرى بىلەن تونۇلغان بولۇشى، يەنى بالىلىرىنى ياخشى تەربىيىلەپ چوڭ قىلغان، مېھماندوست، كەمتەرلىك بىلەن ئېتىقادچىلارنىڭ خىزمىتىدە بولغان، قىيىنچىلىقتا قالغانلارغا ياردەم قىلغان ۋە ئۆزىنى ھەر خىل خەير-ساخاۋەت ئىشلىرىغا بېغىشلىغان ئاياللار بولۇشى كېرەك.
ئەيسا مەسىھ بىز ئۈچۈن قۇربان بولدى. بۇنىڭدىن مەقسەت، ئۇ بىزنى ھەممە رەزىللىكلەردىن ئازاد قىلىش ھەمدە بىزنى پاك قىلىپ، ئۆزىگە مەنسۇپ بولغان، ياخشى ئەمەللەرنى قىلىشقا تىرىشىدىغان خەلق قىلىش ئۈچۈندۇر.
بۇ نەسىھەتلەرنى قېرىنداشلىرىڭنىڭ سەمىگە سالساڭ، ئەيسا مەسىھنىڭ ياخشى خىزمەتكارى بولغان بولىسەن. شۇنداقلا، سېنىڭ ئۆزۈڭ ئەگەشكەن ئېتىقاد توغرىسىدىكى ھەقىقەت ۋە توغرا تەلىملەر بىلەن ئوزۇقلانغانلىقىڭ ئايان بولىدۇ.
بولۇپمۇ پادىشاھلار ۋە بارلىق ئەمەلدارلار ئۈچۈن دۇئا-تىلاۋەت قىلىشنى ئۆتۈنىمەن. بۇنداق بولغاندا، بىز ئامان-ئېسەن ھايات كەچۈرەلەيمىز. شۇنداقلا، ھاياتىمىز خۇداغا بولغان ئىخلاسمەنلىك ۋە ھۆرمەت بىلەن تولىدۇ.
شۇنىڭ ئۈچۈن، قەدىرلىك قېرىنداشلىرىم، ئېتىقادىڭلاردا تەۋرەنمەي، چىڭ تۇرۇڭلار. رەببىمىزگە ئەستايىدىللىق بىلەن خىزمەت قىلىڭلار. رەببىمىز ئۈچۈن قىلغان خىزمىتىڭلارنىڭ ھەرگىز بىھۇدە كەتمەيدىغانلىقىنى چۈشىنىڭلار.
ئۇلارنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىماي، بابىل پادىشاھىغا خىزمەت قىلىڭلار. شۇنداق قىلساڭلار داۋاملىق ھايات قالىسىلەر! شەھىرىڭلارنى نېمىشقا خارابىلىككە ئايلاندۇرىسىلەر؟»
ئەگەر بىر ئادەم تەكەببۇرلىشىپ، پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانىڭ ھۇزۇرىدا خىزمەت قىلىۋاتقان روھانىي ۋە سوتچىنىڭ ھۆكۈمىگە بويسۇنمىسا، ئۇنى ئۆلتۈرۈڭلار. شۇنداق قىلىپ ئىسرائىل خەلقىدىكى رەزىللىكنى يوقىتىڭلار.
شۇڭا، گەرچە سىلەر بۇ ئىشلارنى بىلگەن ھەمدە ئۆزۈڭلارغا يەتكۈزۈلگەن ھەقىقەتتە چىڭ تۇرۇۋاتقان بولساڭلارمۇ، مەن يەنىلا ھەر دائىم بۇ ئىشلارنى ئېسىڭلارغا سالماقچىمەن.
بۇ سۆزلىرىم ھەقتۇر. ئۇلارنى تەكىتلىشىڭنى ئۈمىد قىلىمەن. شۇنداق قىلغىنىڭدا، خۇداغا ئېتىقاد قىلغانلار ئۆزلىرىنى دائىم تىرىشچانلىق بىلەن ياخشى ئەمەللەرنى قىلىشقا بېغىشلايدۇ. بۇ تەلىملەر ئىنسانلار ئۈچۈن ياخشى ھەم پايدىلىقتۇر.
شۇنداق بولغاندا، رەببىمىزنىڭ ئىرادىسىگە مۇناسىپ ياشاپ، ھەر جەھەتتىن ئۇنى خۇرسەن قىلالايسىلەر ھەمدە ھاياتىڭلاردا ھەربىر ياخشى ئىشتا مېۋە بېرىپ، خۇدانى تېخىمۇ چوڭقۇر تونۇپ يېتەلەيسىلەر.
ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق ھاياتىڭلار يەنە ھەققانىيلىق مېۋىسى بىلەن تولۇپ، خۇداغا شان-شەرەپ ۋە مەدھىيىلەر ئېلىپ كېلىسىلەر.
چۈنكى، بىز ھەممىمىز خۇدانىڭ ئىجادىيىتى بولۇپ، خۇدا بۇرۇنلا تەييارلىغان ياخشى ئەمەللەرنى قىلىشىمىز ئۈچۈن ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق يېڭىدىن يارىتىلدۇق.
سىلەر ئۆزۈڭلارنىڭ نېمىدىن ئاغرىنغانلىقىڭلارنى ماڭا ئېيتىڭلار! مەن بىلەن مۇنازىرە قىلىڭلار! ئۆزۈڭلارنىڭ گۇناھسىزلىقىڭلارنى ئىسپاتلاپ بېقىڭلارچۇ قېنى؟
بۇرۇن رەببىمىز ئۆز خەلقى بولغان ئىسرائىللارنى مىسىردىكى قۇللۇقتىن قۇتقۇزدى. لېكىن، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئۆزىگە ئىشەنمىگەنلەرنى كېيىن ھالاك قىلدى. بۇلارنىڭ ھەممىسىدىن خەۋىرىڭلار بولسىمۇ، مەن ئۇنى يەنىلا ئېسىڭلارغا سېلىشنى توغرا تاپتىم.
ئېتىقادچى قېرىنداشلىرىمىز ھاجەتمەنلەرگە ياردەم قىلىپ، ئۆزلىرىنى ياخشى ئەمەللەرنى قىلىشقا بېغىشلاشنى ئۆگەنسۇن. شۇنداق بولغاندا، ئۇلارنىڭ ھاياتى مېۋىسىز بولمايدۇ.
بۇ ئىشلارنى داۋاملىق ئېتىقادچىلارنىڭ سەمىگە سال. خۇدا ئالدىدا ئۇلارنى بىمەنە سۆزلەر توغرىسىدا تالاش-تارتىش قىلماسلىققا بۇيرۇغىن. بۇنداق تالاش-تارتىشلارنىڭ ھېچقانداق پايدىسى بولمايلا قالماي، بەلكى ئاڭلىغۇچىلارنىڭ ئېتىقادىنى ۋەيران قىلىدۇ.
ئۇلار خۇدانى تونۇيمىز، دەپ داۋراڭ قىلسىمۇ، لېكىن ئەمەلىيىتىدە ئۇنى رەت قىلىدۇ. ئۇلار ھېچكىمگە بويسۇنمايدىغان يىرگىنچلىك كىشىلەر بولۇپ، قولىدىن ھېچقانداق ياخشى ئىش كەلمەيدۇ.