Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




تىتۇسقا يېزىلغان خەت 2:6 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

6 ياش ئەرلەرنىمۇ ئۆزىنى تۇتۇۋالالايدىغان بولۇشقا چاقىرغىن.

Gade chapit la Kopi




تىتۇسقا يېزىلغان خەت 2:6
9 Referans Kwoze  

ياش ۋاقتىڭدىن باشلاپ ياراتقۇچىڭنى ئېسىڭدە تۇت، «كۈنلىرىمدە خۇشاللىق يوق» دەپ ئاھ ئۇرىدىغان قېرى، ئاجىز چاغلىرىڭنىڭ كېلىشىنى كۈتمە.


ئەي يىگىتلەر، سىلەرمۇ يېتەكچىلەرگە بويسۇنۇڭلار. ھەممىڭلار بىر-بىرىڭلارغا كەمتەر بولۇڭلار. چۈنكى، مۇقەددەس يازمىلاردا يېزىلغىنىدەك: «خۇدا قارشىدۇر تەكەببۇرلارغا، مېھىر-شەپقەت قىلار كەمتەرلەرگە.»


ئاتىلار، بۇنى سىلەرگە يېزىۋاتىمەن، چۈنكى سىلەر ئەزەلدىن بار بولغۇچىنى تونۇدۇڭلار. يىگىتلەر، بۇنى سىلەرگە يېزىۋاتىمەن، چۈنكى سىلەر شەيتان ئۈستىدىن غەلىبە قىلدىڭلار.


ئەي ياش، ياشلىقىڭنى خۇشال ئۆتكۈز! ياشلىقىڭنىڭ ھەربىر مىنۇتىدىن ھۇزۇرلان! كۆڭلۈڭ تارتقان، ئۆزۈڭ ياخشى كۆرگەن ئىشلارنى قىل. لېكىن ئېسىڭدە بولسۇنكى، خۇدا قىلغان ھەربىر ئىشلىرىڭغا ھۆكۈم چىقىرىدۇ.


پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «بۇ ئىشلاردىن كېيىن، مەن پۈتكۈل ئىنسانلارنى ئۆزۈمنىڭ روھىغا چۆمدۈرىمەن، ئوغۇل-قىزلىرىڭلار ۋەھىيلىرىمنى يەتكۈزىدۇ. سۆزلىرىم ياشانغانلارغا چۈشلىرى ئارقىلىق، يىگىتلەرگە غايىبانە ئالامەتلەر ئارقىلىق يەتكۈزۈلىدۇ.


ياشانغان ئەرلەر سەۋەنلىك ئۆتكۈزسە، ئۇلارنى قاتتىق ئەيىبلىمىگىن. ئەكسىچە، ئۇلارغا ئاتاڭنى ھۆرمەتلىگەندەك ھۆرمەت بىلەن نەسىھەت بەرگىن. شۇنىڭدەك، ياش ئەرلەرگە ئۆز قېرىنداشلىرىڭغا مۇئامىلە قىلغاندەك مۇئامىلە قىل.


مەدھىيەلەڭلار ئۇنى يىگىتلەر شۇنداقلا قىزلار، مەدھىيەلەڭلار ئۇنى ئەي ياشانغانلار ھەم ياشلار.


ياشلار مېنى كۆرسە ئۆزىنى چەتكە ئالاتتى. ياشانغانلارمۇ ئورنىدىن تۇرۇپ سالام قىلاتتى.


شۇنىڭ ئۈچۈن، ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلمىغانلاردەك ئۇخلاپ ياتمايلى. ئەكسىچە، سەگەك ۋە ھوشيار بولايلى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite