Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




تىتۇسقا يېزىلغان خەت 2:3 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

3 شۇنىڭدەك، ياشانغان ئاياللارنى ئىخلاسمەنلىكىگە لايىق يۈرۈش-تۇرۇشقا ھەمدە پىتنە-پاسات قىلمايدىغان، ھاراق-شارابقا بېرىلمەيدىغان بولۇشقا چاقىرغىن. ئۇلار باشقىلارغا نېمىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى ئۆگەتسۇن.

Gade chapit la Kopi




تىتۇسقا يېزىلغان خەت 2:3
13 Referans Kwoze  

بۇنىڭ بىلەن، بۇ ئاياللار ياش ئاياللارغا تەلىم بېرىپ، ئۇلارغا ئۆز ئەرلىرىگە ۋە بالىلىرىغا كۆيۈنۈش،


خۇددى شۇنىڭدەك، بۇ خىزمەتچىلەرنىڭ ئاياللىرىمۇ ئېسىل پەزىلەتلىك، پىتنە-پاسات قىلمايدىغان، ئۆزىنى تۇتۇۋالغان ۋە ھەرقانداق ئىشتا ئىشەنچلىك بولغانلاردىن بولۇشى لازىم.


ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىگە باشلامچى بولغان بۇنداق كىشى خۇدانىڭ خىزمىتىنى زىممىسىگە ئالغانلىقى ئۈچۈن، شۇنداق ئەيىبسىز بولۇشى كېرەككى، ھەرگىز تەرسا، چۇس مىجەز، ھاراقكەش، زوراۋان، مال-دۇنياغا تەمەخور بولماسلىقى،


خۇددى جامائەتچىلىكنىڭ باشلامچىلىرىگە ئوخشاش، جامائەتچىلىكنىڭ خىزمەتچىلىرىمۇ ئېسىل پەزىلەتلىك، سەمىمىي گەپ قىلىدىغان، ھاراق-شارابقا بېرىلمەيدىغان، مال-دۇنياغا تەمەخور بولمايدىغان كىشىلەردىن بولۇشى،


سىلەر ئۇنى رەببىمىزگە مەنسۇپ دەپ قاراپ، خۇدانىڭ مۇقەددەس خەلقىدە بولۇشقا تېگىشلىك قىزغىنلىق بىلەن كۈتۈۋالغايسىلەر. ئۇنىڭ سىلەردىن كۈتكەن ھەرقانداق ئېھتىياجىغا ياردەم قىلغايسىلەر. چۈنكى، ئۇ نۇرغۇن كىشىلەرگە، شۇنىڭدەك ماڭىمۇ چوڭ ياردەم قىلغان.


ئاراڭلاردا جىنسىي ئەخلاقسىزلىق، ناپاكلىق ياكى ئاچكۆزلۈككە قەتئىي يول قويۇلمىسۇن. چۈنكى، بۇنداق ئىشلار خۇدانىڭ مۇقەددەس خەلقىگە ماس كەلمەيدۇ.


لېكىن، ساڭا بىر ئېتىرازىم بار، ئۇ بولسىمۇ ئۆزىنى پەيغەمبەر دەپ تونۇشتۇرغان ئىزابېل ئىسىملىك خوتۇنغا يول قويۇۋاتىسەن. بۇ خوتۇن خەلقىمگە تەلىم بېرىپ، ئۇلارنى جىنسىي ئەخلاقسىزلىق قىلىشقا ۋە بۇتقا ئاتاپ نەزىر قىلىنغان گۆشنى يېيىشكە ئازدۇرماقتا.


گەرچە سىلەر ئاللىبۇرۇن تەلىم بەرگۈچى بولۇشقا تېگىشلىك بولساڭلارمۇ، بىراق ئەمەلىيەتتە سىلەر يەنىلا باشقىلارنىڭ خۇدانىڭ سۆزى توغرىسىدىكى ئاساسىي بىلىملەرنى باشتىن ئۆگىتىشىگە موھتاجسىلەر. دېمەك، سىلەرگە يېمەكلىك ئەمەس، بەلكى يەنىلا سۈت كېرەك.


(ئاشقازىنىڭنىڭ ياخشى بولمىغانلىقى، شۇنداقلا دائىم كېسەل بولۇپ قالىدىغانلىقىڭ ئۈچۈن، سۇلا ئىچمەي، بىرئاز شارابمۇ ئىچىپ بەرگىن.)


ئۇلارنىڭ ھاياتى ھەر خىل رەزىللىك، يامانلىق، ئاچكۆزلۈك، ئۆچمەنلىك، ھەسەتخورلۇق، قاتىللىق، ئۇرۇشقاقلىق، ھىيلىگەرلىك، سۇيىقەست ۋە ئىغۋاگەرچىلىك بىلەن تولدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite