Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




تىتۇسقا يېزىلغان خەت 2:12 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

12 بۇ مېھىر-شەپقەت بىزنى گۇناھكارلىقنى ۋە بۇ دۇنيانىڭ ئارزۇ-ھەۋەسلىرىنى رەت قىلىپ، بۇ پانىي دۇنيادا توغرا، خۇداغا ئىخلاسمەن ۋە ئۆزىنى تۇتۇۋالغان ھالدا ياشاشقا يېتەكلەيدۇ.

Gade chapit la Kopi




تىتۇسقا يېزىلغان خەت 2:12
59 Referans Kwoze  

ئىچىڭلارغا روھىمنى سالىمەن. سىلەر مېنىڭ ئەمر-پەرمانلىرىمغا ئەمەل قىلىدىغان، قانۇن-قائىدىلىرىمگە چىن قەلبىڭلاردىن بويسۇنىدىغان بولىسىلەر.


كېيىن، ھەزرىتى ئەيسا شاگىرتلىرىغا مۇنداق دېدى: - كىمدەكىم ماڭا ئەگىشىشنى خالىسا، ئۆز خاھىشىدىن ۋاز كېچىپ، ئۆزىنىڭ كرېستىنى كۆتۈرۈپ ماڭا ئەگەشسۇن!


مەن سىلەرنىڭ تەبىئىتىڭلاردىكى ئاجىزلىقلارنى بىلگەچكە، بۇلارنى سىلەرگە ئادەتتىكى مىسال بىلەن ئېيتىۋاتىمەن. ئىلگىرى سىلەر گۇناھنىڭ قۇلى بولۇپ، تېنىڭلاردىكى ئەزالارنى ناپاك ۋە تەۋرات قانۇنىغا خىلاپ ئىشلارغا بېغىشلىغانىدىڭلار. ئەمدى پاك بولۇشۇڭلار ئۈچۈن، ئۆزۈڭلارنى ھەققانىيلىقنىڭ قۇلى بولۇشقا بېغىشلاڭلار.


بىلىپ قويۇڭلار شۇنى، پەرۋەردىگار تاللايدۇ تەقۋادارلارنى، ئاڭلايدۇ مېنىڭ نىدايىمنى.


شۇنىڭدىن كۆرۈۋالالايمىزكى، خۇدا توغرا يولدا ماڭغانلارنى ئۇلار دۇچ كەلگەن سىناقلاردىن قانداق قۇتقۇزىدىغانلىقىنى بىلىدۇ. شۇنىڭدەك، خۇدا سوراق كۈنىگىچە گۇناھ يولىدا ماڭغانلارنى جازالاشنى قانداق داۋاملاشتۇرۇشنى،


«خۇداغا باغلىنىپ ياشايمەن» دېگەن كىشى ئەيسا مەسىھكە ئوخشاش ياشىشى كېرەك.


ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولغان، خۇداغا ئىخلاسمەنلىك بىلەن ھايات كەچۈرۈشكە ئىرادە باغلىغانلارنىڭ ھەممىسى زىيانكەشلىككە ئۇچرايدۇ.


شۇنىڭ ئۈچۈن، خۇدانىڭ ئەمرلىرىنى تۇتقان ۋە ئەيساغا سادىق بولغان خەلق سەۋر-تاقەتلىك بولۇشى لازىم.


چۈنكى، خۇدا بىزنى ناپاك ئەمەس، بەلكى پاك ياشاشقا چاقىردى.


چۈنكى، بىر چاغلاردا بىزمۇ نادان ئىدۇق. بىزمۇ خۇداغا بويسۇنمايدىغان، ئازدۇرۇلغان، ھەر خىل ئارزۇ-ھەۋەسلەرنىڭ قۇلى بولغان، يامانلىق ۋە ھەسەتخورلۇق ئىچىدە ياشىغان، بىر-بىرىمىزگە ئۆچمەن كىشىلەر ئىدۇق.


قېرىنداشلىق مېھىر-مۇھەببىتىگە كەلسەك، بۇ توغرىسىدا سىلەرگە خەت يېزىشىمىزنىڭ ھاجىتى يوق. چۈنكى، خۇدا بىر-بىرىڭلارغا مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىشنى ئۆگەتكەن.


ئۇ چاغلاردا، سىلەر بۇ دۇنيانىڭ يامان يوللىرىدا ماڭغانىدىڭلار، يامان روھلارنىڭ ھۆكۈمرانى بولغان ھەمدە كىشىلەرنى خۇداغا ئىتائەتسىزلىك قىلىشقا ئازدۇرىدىغان شەيتانغا بويسۇنۇپ ياشىدىڭلار.


بۇ دۇنيانىڭ ئېقىملىرىغا ئەگىشىپ يۈرمەڭلار، ئەكسىچە ئوي-پىكرىڭلار خۇدانىڭ يېڭىلىشى بىلەن پۈتۈنلەي ئۆزگەرسۇن. شۇ چاغدا، خۇدانىڭ ھاياتىڭلارغا بولغان ئىرادىسىنى ھەمدە بۇ ئىرادىنىڭ نەقەدەر ياخشى، نەقەدەر خۇرسەن قىلارلىق ۋە نەقەدەر مۇكەممەل ئىكەنلىكىنى بىلەلەيسىلەر.


شۇنداق ئىكەن، گۇناھ ھەرگىزمۇ ھامان ئۆلىدىغان تېنىڭلارنى باشقۇرمىسۇن. بولمىسا، ئارزۇ-ھەۋەسلەرگە بېرىلىپ كېتىسىلەر.


ئۇلارغا مەن سىلەرگە بۇيرۇغان بارلىق ئەمرلەرگە ئەمەل قىلىشنى ئۆگىتىڭلار. مەن ھەقىقەتەنمۇ زامان ئاخىرىغىچە ھەر دائىم سىلەر بىلەن بىللە بولىمەن.


سىلەرگە كەلسەك، ئەيسا مەسىھ سىلەرگە ئاتا قىلغان مۇقەددەس روھ قەلبىڭلاردا بولغاچقا، سىلەر باشقىلارنىڭ يېڭى تەلىمىگە موھتاج ئەمەسسىلەر. مۇقەددەس روھ سىلەرگە ھەممە ھەقىقەتنى ئۆگىتىدۇ. چۈنكى، ئۇ ھەقتۇر، يالغان ئەمەستۇر. شۇڭا، مۇشۇ ھەقىقەت بويىچە داۋاملىق ئەيسا مەسىھكە باغلىنىپ ياشاڭلار.


ھەممە نەرسە مانا شۇنداق يوقىلىدۇ. ئۇنداقتا، سىلەر قانداق ئادەملەردىن بولۇشۇڭلار كېرەك؟ سىلەر پاك ياشاپ، خۇدا يولىدا ماڭىدىغان ئادەملەردىن بولۇشۇڭلار كېرەك.


ھېچكىمنىڭ ئۆز يۇرتدىشىغا، ئۆز قېرىندىشىغا: ˜پەرۋەردىگارنى تونۇڭلارŒ دەپ ئەقىل ئۆگىتىشىنىڭ ھاجىتى قالمايدۇ. چۈنكى، گادايدىن خانغىچە ھەممىسى مېنى تونۇيدۇ.


بۇ دۇنيادا باي بولغانلارغا مەغرۇرلانماسلىقنى، ئۆتكۈنچى بايلىققا ئۈمىد باغلىماسلىقنى بۇيرۇغىن. ئۇلار ئۈمىدىنى بىز بەھرىمەن بولۇشقا تېگىشلىك ھەممىنى بىزگە سېخىيلىق بىلەن بەرگۈچى خۇداغا باغلىسۇن.


باشقىلار سېنى ياش، دەپ ساڭا سەل قارىمىسۇن. سەن سۆزلىرىڭدە، ئەمەلىيىتىڭدە مېھىر-مۇھەببەت، ئېتىقاد ۋە پاكلىقتا ئېتىقادچىلارغا ئۈلگە بول.


بىراق، ھازىر خۇدا ئۆز ئوغلى ئەيسا مەسىھنىڭ ئىنسان تېنىدە كرېستكە مىخلىنىپ قۇربان بولۇشى ئارقىلىق سىلەرنى ئۆزى بىلەن ياراشتۇردى. بۇنىڭدىن مەقسەت، سىلەرنىڭ خۇدانىڭ ئالدىدا پاك، قۇسۇرسىز ۋە ئەيىبسىز بولۇشۇڭلار ئۈچۈندۇر.


ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولغانلار ئۆزىنىڭ گۇناھكار تەبىئىتى ۋە ئۇنىڭدىكى بارلىق يامان ھەۋەسلەرنى كرېستكە مىخلىغان بولىدۇ.


ئەيسا مەسىھ خۇدائاتىمىزنىڭ ئىرادىسى بويىچە گۇناھلىرىمىز ئۈچۈن ئۆزىنى پىدا قىلىپ، بىزنى بۇ رەزىل دۇنيادىن قۇتقۇزدى.


قەدىرلىك قېرىنداشلار، بۇ ۋەدىلەرگە ئېرىشكەنىكەنمىز، تەننى ۋە روھنى بۇلغايدىغان ھەرقانداق نەرسىلەردىن يىراق تۇرۇپ ئۆزىمىزنى پاك تۇتايلى. خۇدادىن ئەيمەنگەن ھالدا ئۆزىمىزنى پۈتۈنلەي خۇداغا ئاتايلى.


بۇ دۇنيانىڭ دانالىقىغا ئەمەس، بەلكى خۇدانىڭ شەپقىتىگە تايىنىپ، يۈرۈش-تۇرۇشىمىزدا بولۇپمۇ سىلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمىزدە سەمىمىي ۋە ئاق كۆڭۈل بولغانلىقىمىزغا ۋىجدانىمىز گۇۋاھتۇر. بىز مانا بۇنىڭ بىلەن پەخىرلىنىمىز.


چۈنكى، گۇناھكار تەبىئىتىڭلارغا بويسۇنۇپ ياشىساڭلار، مەڭگۈلۈك ھالاك بولىسىلەر. لېكىن، مۇقەددەس روھقا تايىنىپ، گۇناھكار تەبىئىتىڭلار ئارزۇ قىلغان گۇناھتىن قول ئۈزسەڭلار، مەڭگۈلۈك ھاياتلىققا ئېرىشىسىلەر.


پاۋلۇس خۇدانىڭ ئالدىدا ھەققانىي ياشاش، ئۆزىنى تۇتۇۋېلىش، قىيامەت كۈنىدىكى سوئال-سوراق قىلىنىش قاتارلىقلار توغرىسىدا توختالغاندا، ۋەھىمىگە چۈشكەن فېلىكس ئۇنىڭغا: - ھازىرچە قايتىپ تۇرسىڭىزمۇ بولىدۇ. كېيىن ۋاقتىم چىققاندا، يەنە چاقىرتىمەن، - دېدى.


شۇ سەۋەبتىن، ئۆزۈم ھەمىشە خۇدا ئالدىدىمۇ، ئىنسانلار ئالدىدىمۇ پاك ۋىجدانلىق بولۇشقا تىرىشىمەن.


بىزگە مەلۇمكى، بىز خۇداغا مەنسۇپمىز. ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلمىغانلار بولسا شەيتاننىڭ باشقۇرۇشىدىدۇر.


خۇدا ئۆزىنىڭ ئالدىدا بىزنىڭ پاك ۋە ئەيىبسىز بولۇشىمىز ئۈچۈن، دۇنيانى يارىتىشتىن بۇرۇنلا، بىزنى ئەيسا مەسىھكە باغلىنىشىمىز ئارقىلىق تاللىدى. خۇدا بىزنى سۆيگەچكە، بىزنىڭ ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق ئۆزىگە پەرزەنت بولۇشىمىزنى ئۆز خۇش رايى بويىچە ئالدىنئالا بەلگىلىدى. بۇ، ئۇنىڭ ئىرادىسىدۇر.


سىلەر بىلەن سۆزلىشىدىغان ۋاقىت كۆپ قالمىدى. چۈنكى بۇ دۇنيانىڭ ھۆكۈمدارى - شەيتان كېلىش ئالدىدا تۇرىدۇ. ئۇنىڭ مېنى بېسىپ چۈشكۈدەك قۇدرىتى ئەسلا يوقتۇر.


خالايىق ئۇنى كۆلنىڭ ئۇ قېتىدا تاپقاندىن كېيىن: - ئۇستاز، بۇ يەرگە قاچان كەلدىڭىز؟ - دەپ سوراشتى.


ئۇلار ئىككىلىسى خۇدانىڭ نەزىرىدە دۇرۇس كىشىلەردىن بولۇپ، خۇدانىڭ پۈتۈن ئەمر-پەرمانلىرىغا قاتتىق ئەمەل قىلاتتى.


شۇڭا ئىتائەت قىلىپ پەرۋەردىگارنىڭ قانۇنلىرىغا، بويسۇنۇڭلار ئۇنىڭ پەرمانلىرىغا. ھەمدۇسانا ئوقۇڭلار پەرۋەردىگارغا!


ئۇلار سىلەرگە: «ئاخىر زاماندا، گۇناھقا پاتقان ھەۋەسلىرىنىڭ كەينىگە كىرىپ، خۇدانى مازاق قىلىدىغانلار چىقىدۇ» دېگەنىدى.


چۈنكى، قېرىندىشىمىز كىرىسكى گالاتىيا ئۆلكىسىگە، تىتۇس دالماتىيا ئۆلكىسىگە كەتتى. دېماس بولسا بۇ دۇنيانىڭ ئىشلىرىغا بېرىلىپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن، مېنى تاشلاپ، سالونىكا شەھىرىگە كەتتى.


ئىنسانئوغلىغا قارشى سۆز قىلغانلار كەچۈرۈمگە ئېرىشەلەيدۇ؛ لېكىن مۇقەددەس روھقا قارشى گەپ قىلغانلار بۇ دۇنيادىمۇ، ئۇ دۇنيادىمۇ كەچۈرۈمگە ئېرىشەلمەيدۇ.


باي بولۇشنىلا ئويلايدىغانلار بولسا ھامان ئازدۇرۇلۇپ كېتىدۇ، ئۇلار ئىنسانلارنى قۇرۇتۇپ ھالاك قىلىدىغان نۇرغۇن زىيانلىق ھەم ئەخمىقانە ھەۋەسلەرنىڭ تورىغا چۈشۈپ كېتىدۇ.


خۇدائاتىمىزنىڭ نەزىرىدىكى پاك ۋە ئەيىبسىز ئىخلاسمەنلىك بولسا قىيىنچىلىقتا قالغان يېتىم-يېسىر، ئېرى ئۆلۈپ كەتكەن تۇل خوتۇنلارغا غەمخورلۇق قىلىش ۋە ئۆزىمىزنى دۇنيانىڭ بۇلغىشىدىن ساقلاشتۇر.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite