تىتۇسقا يېزىلغان خەت 1:5 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى5 ئورۇندىلىپ بولمىغان ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش ۋە ساڭا بۇرۇن تاپشۇرغىنىمدەك، ھەرقايسى شەھەرلەردىكى ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىنىڭ يېتەكچىلىرىنى تەيىنلەش ئۈچۈن، سېنى كرىت ئارىلىدا قالدۇردۇم. Gade chapit la |
ئۇنىڭ ئۈستىگە، بۇ يەرمۇ قىشلاپ قېلىشقا مۇۋاپىق جاي ئەمەس ئىدى. شۇڭا، كۆپچىلىك سەپەرنى داۋاملاشتۇرۇپ، مۇمكىنقەدەر فېنىكس شەھىرىگە يېتىۋېلىپ شۇ يەردە قىشلاشنى قۇۋۋەتلىدى. چۈنكى، كرىت ئارىلىدىكى بۇ ياخشى پورت شەھىرىگە پەقەت شەرقىي جەنۇب ۋە شەرقىي شىمال شامىلى تېگىدىغان بولۇپ، ئۇ شەھەر قىشلاشقا ناھايىتى مۇۋاپىق جاي ئىدى.
ئېتىقاد يولىدا ئۆز ئوغلۇمدەك قەدىرلىك ۋە ئىشەنچلىك بولغان تىموتىينى مۇشۇنداق قىلىشىڭلارغا ياردەم بەرسۇن دەپ، يېنىڭلارغا ئەۋەتىمەن. ئۇ سىلەرگە مېنىڭ ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولغان يېڭى ھاياتىمنى قانداق ئۆتكۈزگەنلىكىمنى ئەسلىتىدۇ. بۇ دەل مېنىڭ ھەرقايسى جايلاردىكى جامائەتچىلىككە ئۆگەتكەنلىرىم بىلەن بىردەك.