تىتۇسقا يېزىلغان خەت 1:15 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى15 پاك كىشىلەر ئۈچۈن ھەممە نەرسە ھالالدۇر. لېكىن، ناپاك كىشىلەر ۋە ئېتىقادسىزلار ئۈچۈن ھېچقانداق نەرسە ھالال ئەمەستۇر. ئۇلارنىڭ ئوي-پىكىرلىرىمۇ، ۋىجدانىمۇ بۇلغىنىپ كەتكەن. Gade chapit la |
لېكىن، ھەممە ئېتىقادچىلار بۇنداق بىلىمنى تونۇپ يەتمىدى. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ئېتىقادچى بولۇشتىن بۇرۇن بۇتپەرەسلىك ئادەتلىرىگە كۆنۈپ قالغاچقا، ھازىرمۇ بۇتقا ئاتاپ نەزىر قىلىنغان گۆشنى يېيىشنى بۇتقا چوقۇنۇش بىلەن باراۋەر دەپ قارايدۇ. شۇڭا، ئۇلار بۇ گۆشنى يېيىشكە جۈرئەت قىلالمايدۇ. ئەگەر ئۇلار بۇ گۆشنى يەپ قالغان بولسا، ئۆزلىرىنى بۇلغاندۇق دەپ ھېس قىلىپ، ۋىجدانى ئازابلىنىدۇ.