14 ئۇلار بىمەنە يەھۇدىي ئەپسانىلىرىگە ۋە ھەقىقىي تەلىمدىن چەتنىگەنلەرنىڭ دىنىي قائىدە-يوسۇنلىرىغا قۇلاق سالمىسۇن.
ھەق سۆزلەرنى رەت قىلىپ، بىمەنە ئەپسانىلەرگە قۇلاق سالىدۇ.
بۇ قائىدە-يوسۇنلارنىڭ ھەممىسى تۈگەيدىغان نەرسىلەر توغرىسىدا بولۇپ، پەقەتلا ئىنسانلارنىڭ بۇيرۇق ۋە تەلىملىرىدىن پەيدا بولغان.
ئۇنىڭ يامان يولغا قايتقىنى دەل ھېكمەتلىك سۆزلەردە ئېيتىلغىنىغا ئوخشايدۇ: «ئىت ئايلىنىپ ئۆز قۇسۇقىنى يەر» ۋە يەنە «چوشقا يۇيۇنۇپ چىقىپلا پاتقاقتا ئېغىنار.»
ئەمدىلىكتە، ھەقىقىي خۇدانى تونۇدۇڭلار. تېخىمۇ ئېنىقراق قىلىپ ئېيتقاندا، خۇدا تەرىپىدىن تونۇلدۇڭلار. شۇنداق ئىكەن، يەنە نېمە ئۈچۈن بۇ دۇنيادىكى ئاجىز، كېرەكسىز قائىدە-يوسۇنلارنىڭ قۇللۇقىغا يېڭىۋاشتىن قايتماقچى بولىسىلەر؟
ماڭا قىلغان ئىبادىتى بىھۇدىدۇر. چۈنكى، ئۆگەتكەنلىرى خۇدانىڭ ئەمرلىرى ئەمەس، بەلكى ئۆزلىرى چىقىرىۋالغان پەتىۋالاردۇر.»
ئىگەم مۇنداق دەيدۇ: «بۇ ئادەملەر ماڭا ئېغىزىدىلا ئېتىقاد قىلىدۇ، تىلىنىڭ ئۇچىدىلا مېنى ئۇلۇغلايدۇ، ئۇلارنىڭ يۈرىكى مەندىن يىراق. ئۇلارنىڭ ماڭا قىلغان ئىبادىتى پەقەت ئۇلارنىڭ ئادەت-قائىدىلىرىدىن بولغان.
سىلەرگە بۇلارنى ئېيتقان خۇدادىن يۈز ئۆرۈمەسلىككە دىققەت قىلىڭلار. چۈنكى، بۇ ئالەمدە ئۆزلىرىنى ئاگاھلاندۇرغۇچى مۇسا پەيغەمبەرنى رەت قىلغان ئىسرائىللار بۇنداق قىلىشنىڭ جازاسىدىن قۇتۇلالمىغان يەردە، ئەرشتىكى بىزنى ئاگاھلاندۇرغۇچىنى رەت قىلساق، ئۇ جازادىن بىز قانداقمۇ قۇتۇلالايمىز!؟