تىتۇسقا يېزىلغان خەت 1:10 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى10 نۇرغۇن كىشىلەر بۇ تەلىمگە ئىتائەت قىلماي، بىمەنە سۆزلەر بىلەن باشقىلارنى ئازدۇرىدۇ. بولۇپمۇ قۇتقۇزۇلۇش ئۈچۈن خەتنە قىلىنىش زۆرۈر، دەپ تۇرۇۋالغۇچىلار شۇنداق قىلىدۇ. Gade chapit la |
ئۇلارغا ئەپسانىلەر ۋە ئۇزۇندىن-ئۇزۇنغا سوزۇلغان نەسەبنامىلەر بىلەن ۋاقتىنى ئىسراپ قىلماسلىقىنى بۇيرۇغىن. بۇلار پەقەت بىمەنە تالاش-تارتىشلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، شۇنداقلا ئېتىقاد بىلەن قىلىنىدىغان خۇدا يولىدىكى ئىشلارنى قىلىشقا پايدىسىز بولىدۇ. خۇدا يولىدا مېڭىش پەقەت ئېتىقاد ئارقىلىقلا ئەمەلگە ئاشىدۇ.
بىز يەنە شۇنى بىلىشىمىز كېرەككى، تەۋرات قانۇنى خۇدانىڭ ئەمرلىرىگە بويسۇنىدىغان ئادەملەر ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ناتوغرا ئىشلارنى قىلغۇچىلار ئۈچۈن تۈزۈلگەندۇر، يەنى قانۇنغا خىلاپلىق قىلغۇچىلار، بوينى قاتتىقلار، خۇدا يولىدا ماڭمىغانلار، گۇناھكارلار، خۇداغا بىپەرۋالىق قىلغۇچىلار، خۇدانى مەسخىرە قىلغۇچىلار، ئاتا-ئانىسىنى ياكى باشقىلارنى ئۆلتۈرگەن قاتىللار،