8 بار كىچىك بىر سىڭلىمىز، تېخى بالاغەتكە يەتمىگەن. سوراپ كىرسە ئەلچىلەر، بىز نېمە ئىش قىلىمىز؟
ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلمايدىغانلار ئالدىدا ئېسىل پەزىلەت بىلەن ياشاڭلار. مۇشۇنداق قىلغاندا، گەرچە ئۇلار سىلەرنى يامان ئادەم دەپ تۆھمەت قىلسىمۇ، لېكىن سىلەرنىڭ ياخشى ئەمەلىيىتىڭلارنى كۆرۈپ، رەببىمىز ئەيسا قايتا كەلگەن كۈنى خۇدانى ئۇلۇغلايدۇ.
سورا مەندىن، بېرىمەن ئىلكىڭگە بارچە خەلقنى، تەئەللۇق قىلىمەن ساڭا پۈتۈن زېمىننى.
بىراق، رەببىم ئەيسا ماڭا يەنە، «يېرۇسالېمدىن چىقىپ كەت! سېنى يىراق جايلارغا، يەھۇدىي ئەمەسلەرنىڭ ئارىسىغا ئەۋەتىمەن!» دېدى.
شۇ كۈنى كەچتە، پاۋلۇسقا بىر غايىبانە ئالامەت كۆرۈنۈپ، ماكېدونىيىلىك بىر كىشى ئۇنىڭ ئالدىدا ئۆرە تۇرۇپ: - دېڭىزدىن ئۆتۈپ، ماكېدونىيە ئۆلكىسىگە كېلىپ، بىزگە ياردەم بەرسىڭىز! - دەپ تەلەپ قىلدى.
قەيسەرىيە شەھىرىدە كورنىلىي ئىسىملىك بىر ئادەم بولۇپ، ئۇ رىم قوشۇنىدىكى «ئىتالىيە» دەپ ئاتالغان قىسىمنىڭ يۈزبېشى ئىدى.
ئۇ چۆللەردە ئەجدادلىرىمىزغا باشچىلىق قىلغان ۋاقىتلاردا، سىناي تېغىدا خۇدانىڭ پەرىشتىسى ئۇنىڭغا يەنە كۆرۈنۈپ، سۆز قىلدى. مۇسا پەيغەمبەر ھاياتلىق بەخش ئېتىدىغان سۆزلەرنى ئاڭلاپ، ئۇنى ئەجدادلىرىمىزغا ۋە ئۇلار ئارقىلىق بىزگە يەتكۈزدى.
بۇ قوتاندىن بولمىغان باشقا قويلىرىممۇ بار. ئۇلارنىمۇ چاقىرىشىم كېرەك. ئۇلارمۇ ئاۋازىمنى ئاڭلايدۇ. ھەممە قويلار بىر پادا بولۇشۇپ، بىر قويچىغا ئەگىشىدۇ.
سىلەرنى ۋە بالىلىرىڭلارنى يەر بىلەن يەكسان قىلىدۇ، ھەتتا بىر تال ئۇل تېشىنىمۇ جايىدا قالدۇرمايدۇ. چۈنكى، خۇدا سىلەرگە شاپائەت قىلغان پۇرسەتنى پەرق ئېتەلمىدىڭلار، - دېدى.
ئاچاڭ سامارىيەگە سۇنۇلغان قەدەھ ۋەيرانچىلىق ۋە ھالاكەت قەدىھىدۇر. سەن ئۇنى ئىچسەڭلا مەست بولىسەن، قەلبىڭنى ھەسرەت قاپلايدۇ.
سەن ئاچا-سىڭىللىرىڭنى قوبۇل قىلغان ۋاقتىڭدا، بۇرۇن قىلغان قىلمىشلىرىڭنى ئويلاپ، نومۇس ھېس قىلىسەن. گەرچە بۇ ئىش بۇرۇن مەن سەن بىلەن تۈزگەن ئەھدىدە بولمىسىمۇ، لېكىن مەن ئۇلارنى سېنىڭ قىزلىرىڭ قىلىپ، ساڭا تاپشۇرۇپ بېرىمەن.
ئاچاڭ سامارىيەدۇر، ئۇ ۋە ئۇنىڭ قىزلىرى شىمالىڭدا، سىڭلىڭ سودوم ۋە ئۇنىڭ قىزلىرى سېنىڭ جەنۇبۇڭدا ياشايتتى.
مەن سېنى خۇددى ئېتىزدىكى گۈل-گىياھلارنى پەرۋىش قىلغاندەك پەرۋىش قىلدىم. سېنىڭ بويۇڭ ئۆسۈپ، يېتىلدىڭ، گۈزەللەشتىڭ، كۆكرەكلىرىڭ تولدى، چاچلىرىڭ ئۆستى، لېكىن سەن يەنىلا يالىڭاچ ئىدىڭ.
پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى: «ياقۇپ قەبىلىلىرىنى قايتىدىن تىكلەيسەن، ئىسرائىللاردىن ئامان قالغانلارنى قايتۇرۇپ كېلىسەن، مەن سېنى پەقەت مۇشۇ ئىشلار ئۈچۈنلا خىزمەتكار قىلغىنىم يوق! مېنىڭ نىجاتلىقىم دۇنيانىڭ بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىغىچە يېتىپ بارسۇن دەپ، سېنى پۈتكۈل ئەللەرگە نۇر قىلىمەن.»
ئەسلى مەن بىر سېپىل ئىدىم، مۇناردەك ئىدى كۆكرەكلىرىم، مەندىن خۇرسەن ئىدى يىگىتىم.
ئىككى كۆكسۈڭ ئوخشار ئىككى كېيىك، ئىككى جەرەن بالىسىغا.
ئىككى كۆكسۈڭ ئوخشار ئىككى كېيىك، ئىككى جەرەن بالىسىغا، ئوتلاپ يۈرگەن ياۋا گۈللەر ئارىسىدا.
ئەگەر ئۇ بىر سېپىل بولسا، كۈمۈش مۇنار تىكلەپ ئۇنى قوغدايلى، ئەگەر بولسا ئۇ بىر دەرۋازا، كېدىر ياغىچى بىلەن ئۇنى توسايلى.