7 سۆيگۈنى ئۆچۈرەلمەس ئۇلۇغ سۇلار، چۆكتۈرەلمەس ئۇنى توپانلار. ئەگەر بىركىم ئۇنى سېتىۋالىمەن دېسە بايلىقىغا، ئاخىر ئۆزى مەسخىرىگە قالار.
ھەرقانداق تۆلەمگە ئۇ قاراپمۇ قويماس، بەرسەڭمۇ قانچىلىك سوۋغات، ئۇ رازى بولماس.
سىلەر چوڭقۇر سۇلارنى كېچىپ ئۆتكىنىڭلاردا، مەن سىلەر بىلەن بىللە بولىمەن. سىلەر دەريالارنى كەزگىنىڭلاردا، شىددەتلىك ئېقىم سىلەرنى ئېقىتىپ كېتەلمەيدۇ. ئوت ئىچىدە يۈرگىنىڭلاردا، سىلەر كۆيۈپ كەتمەيسىلەر. سىلەرگە ئوت تۇتاشمايدۇ.
لېكىن تۇتۇلۇپ قالسا، تۆلەيدۇ ئۇ بىرگە يەتتە ھەسسە تۆلەمنى، تاپشۇرىدۇ ئۆي ئىچىدىكى بارلىق بىساتىنى.
پەسكەشلەردىن يىرگىنىدىغانلار، تەقۋادارلارنى ھۆرمەتلەيدىغانلار، زىيان تارتسىمۇ ۋەدىسىدە تۇرىدىغانلار.
يۈسۈپنىڭ خوجايىنى ئايالىنىڭ يەنە: «سېنىڭ قۇلۇڭنىڭ ماڭا قىلغان مۇئامىلىسى مانا مۇشۇ!» دېگەنلىكىنى ئاڭلاپ، ئىنتايىن غەزەپلەندى.