Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




نەزمىلەر شاھى 8:2 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

2 باشلاپ كىرىپ سېنى ئانامنىڭ ئۆيىگە، ئانام مېنى تەربىيەلىگەن شۇ يەرگە، ئىچكۈزەتتىم ساڭا مۇسەللەستىن، ئانار شەربەتلىرىدىن.

Gade chapit la Kopi




نەزمىلەر شاھى 8:2
16 Referans Kwoze  

ئۇلاردىن ئايرىلىپلا تاپتىم ئاشىقىمنى. قويۇپ بەرمىدىم قۇچاقلاپ ئۇنى، تاكى ئەكىرمىگۈچە ئانامنىڭ ئۆيىگە _ ماڭا ھامىلىدار بولغۇچىنىڭ خانىسىگە.


سەھەر تۇرۇپ، سەيلە قىلايلى ئۈزۈمزار ئارا، كۆرۈپ كېلەيلى ئۈزۈم تاللىرى بىخلاپتىمۇ، گۈللەر ئېچىلىپتىمۇ، ئانارلار چېچەكلەپتىمۇ، مەن شۇ يەردە سۆيگۈمنى بېرەي ساڭا.


ئى قېرىندىشىم، نەقەدەر شېرىن مۇھەببىتىڭ، ئى مەھبۇبەم، شارابتىنمۇ شېرىندۇر شۇنچە. ھېچبىر خۇشبۇي پۇرىماس سەن ئىشلەتكەن ئەتىرچە.


ئىبراھىمنىڭ ئۆز ئايالى سارە بولسا ئەركىن ئايال بولغاچقا، ئەرشتىكى يېرۇسالېمغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. شۇڭا، ئەرشتىكى يېرۇسالېمنى بىزنىڭ ئانىمىز دېيىشكە بولىدۇ.


سەن بالىلىق چاغلىرىڭدىن تارتىپلا مۇقەددەس يازمىلارنى ئۆگەندىڭ. بۇ يازمىلار ساڭا ئەيسا مەسىھكە بولغان ئېتىقاد ئارقىلىق قۇتقۇزۇلۇشقا ئېلىپ بارىدىغان ئەقىل-پاراسەتنى تەقدىم قىلدى.


مۇقەددەس يازمىلارنى تەتقىق قىلىسىلەر، چۈنكى ئۇنىڭد ن مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئىگە بولۇشنىڭ يولىنى تاپالايمىز، دەپ قارايسىلەر. ئەجەبا، بۇ يازمىلار مېنى خۇدا ئەۋەتىدىغان قۇتقۇزغۇچى دەپ تونۇشتۇرغان ئەمەسمۇ؟!


شېرىندۇر ئېسىل شاراب كەبى لەۋلىرىڭ. سۆيۈملۈكۈم شاراب ئاقسۇن ئىچىمىزگە، شىلدىرلاپ لېۋىمىزدىن لېۋىمىزگە.


سويۇپ مال، تەييارلاپ شارابنى، يايدى ئۇ داستىخىنىنى.


ئۇنىڭغا سەجدە قىلىش ئۈچۈن ئايىغىغا باش قويدۇم. لېكىن، ئۇ: - ھەرگىز ئۇنداق قىلما! مەنمۇ خۇدانىڭ سەن ۋە ئەيساغا گۇۋاھلىق بەرگەن قېرىنداشلىرىڭغا ئوخشاش خىزمەتكارىمەن. خۇداغىلا ئىبادەت قىل! چۈنكى، ئەيسا مەسىھ ھەققىدە گۇۋاھلىق بېرىش خۇدانىڭ ۋەھىيسىنى يەتكۈزۈشنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتىدۇر، - دېدى.


شۇنىڭ بىلەن، بىز بۇرۇنقى پەيغەمبەرلەرنىڭ ئەيسا مەسىھ ھەققىدە ئېيتقان سۆزلىرىنىڭ ئىشەنچلىك ئىكەنلىكىنى ھەقىقىي چۈشەندۇق. ئۇ سۆزلەرگە قۇلاق سالساڭلار، ياخشى قىلغان بولىسىلەر. چۈنكى، تاڭ سۈزۈلگۈچە، يەنى تاڭ يۇلتۇزى ئەيسا مەسىھ كېلىپ، قەلبىڭلارنى تولۇق يورۇتقۇچە، بۇ سۆزلەر خۇددى قاراڭغۇلۇقتا يولنى يورۇتۇپ بېرىدىغان چىراغقا ئوخشاش چاقناپ تۇرىدۇ.


ئېھ، قانداق ياخشى بولار ئىدى، ئېمىلداش ئاكامدەك بولغان بولساڭ، ھېيىقماستىن سۆيسەم ئىدىم سېنى كوچىدا ئۇچراپ قالساڭ، ھېچكىممۇ ئەيىبلەپ يۈرمەيتتى مېنى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite