14 ئى ئاشىقىم، چاپسان كەلگىن يېنىمغا، خۇددى جەرەن، كېيىك كەبى قىيغىتىپ، يېتىپ كەلگىن خۇش پۇراقلىق تېغىمغا.
ئېھ ئاشىقىم، كېتىۋالغىن تۈن كېتىپ، تاڭ ئاتقۇچە. خۇددى جەرەن، كېيىكتەك تېزلىك بىلەن سەكرەپ ئېگىز تاغلاردىن ئۆتۈۋالغىن.
مانا بۇلارغا گۇۋاھلىق بەرگۈچى ئەيسا مەسىھ مۇنداق دەيدۇ: «شۇنداق، پات يېقىندا كېلىمەن!»«ئامىن! كەل، يا رەببىم ئەيسا!»
مۇقەددەس روھ ۋە تويى بولىدىغان قىز : «كەل!» دېدى. ئاڭلىغانلارنىڭ ھەممىسىمۇ: «كەل!» دېسۇن. ئۇسسىغان كەلسۇن، خالىغان كىشى ھاياتلىق سۈيىدىن ھەقسىز ئىچسۇن.
ئاشىقىم خۇددى جەرەن، كېيىكتەك، ئۆيۈمنىڭ ئەتراپىدا يۈرۈيدۇ. ئۇ دېرىزىلەردىن قارايدۇ، روجەكلەردىن مارايدۇ.
تەڭلىكتە قالدىم. بۇ دۇنيادىن ئايرىلىپ، ئەيسا مەسىھ بىلەن بىللە بولۇشنى ئارزۇ قىلىمەن، چۈنكى بۇنىڭدىنمۇ ياخشى ئىش يوقتۇر، ئەلۋەتتە.
بىراق، ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا مۇنداق بىر تەمسىلنى ئېيتىپ بەردى: - بىر ئاقسۆڭەك پادىشاھلىق تەختىگە ئىگە بولۇپ كېلىش ئۈچۈن، يىراق بىر يەرگە قاراپ يولغا چىقىپتۇ.
تۈن كېتىپ، تاڭ ئاتقۇچە، چىقىپ تۇراي مۇرمەككى تېغىغا، خۇش پۇراققا تولغان دۆڭلەرگە.
يۇرتۇڭلاردا خالىغان ۋاقىتتا مال سويۇپ يېسەڭلار بولىدۇ. پەرۋەردىگار خۇدا سىلەرگە بەرگەن بۇ بەختتىن ھۇزۇرلىنىڭلار. بۇ ماللارنىڭ گۆشىنى پاكلارمۇ، ناپاكلارمۇ خۇددى سىلەر جەرەن ۋە بۇغا گۆشلىرىنى يېگىنىڭلاردەك، يېسە بولىدۇ.
ئېھ يېرۇسالېم قىزلىرى، ئۆتۈنەي سىلەردىن، ئويغاتماڭلار دالىدىكى مارال ۋە جەرەنلەرنى، ۋاقتى كەلمىگۈچە ئويغاتماڭلار مۇھەببەتنى.