Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




نەزمىلەر شاھى 8:11 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

11 بائال-خاموندا بار ئىدى سۇلايماننىڭ ئۈزۈمزارلىقى، ئۈزۈمزارلىقىنى بەردى ئۇ ئىجارىگە، ئۇلار ھوسۇلىدىن بەرمەكچى بولۇشتى مىڭ كۈمۈش تەڭگە.

Gade chapit la Kopi




نەزمىلەر شاھى 8:11
11 Referans Kwoze  

مەن بۈيۈك ئىشلارنى قىلدىم. ئۆزۈمگە ئۆيلەرنى سالدۇردىم، ئۈزۈمزارلىق بەرپا قىلدىم.


ئۇ ۋاقىت كەلگەندە مىڭ كۈمۈش تەڭگىگە باراۋەر كېلىدىغان مىڭلىغان تەكلىرى بار ئۈزۈمزارلىقلار ئازغان ۋە تىكەنلىككە ئايلىنىدۇ.


ئاندىن، ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا تەمسىللەر بىلەن سۆزلەشكە باشلىدى: - بىر كىشى بىر ئۈزۈمزارلىق بەرپا قىلىپ، ئەتراپىنى چىتلاپتۇ. مۇسەللەس ئىشلەش ئۈچۈن ئۈزۈمزارلىققا بىر كۆلچەك قازدۇرۇپتۇ ۋە بىر كۆزەتخانا ياسىتىپتۇ. كېيىن، ئۈزۈمزارلىقنى ئىجارىگە بېرىپ، ئۆزى يىراق بىر يەرگە كېتىپتۇ.


سەھەر تۇرۇپ، سەيلە قىلايلى ئۈزۈمزار ئارا، كۆرۈپ كېلەيلى ئۈزۈم تاللىرى بىخلاپتىمۇ، گۈللەر ئېچىلىپتىمۇ، ئانارلار چېچەكلەپتىمۇ، مەن شۇ يەردە سۆيگۈمنى بېرەي ساڭا.


ھەيران بولماڭلار ئۆڭۈمگە قاراپ، قارىلىقىمدىن قارىمايسىلەر بەلكىم ماڭا، چۈنكى تېرىلىرىم كۆيگەندۇر ئاپتاپتا. ئاچچىقلىنىپ ماڭا ئاكىلىرىم، ئىشلەتتى مېنى ئۈزۈمزارلىقتا، پۇرسەت بەرمەي قاراشقا ئۆز بېغىمغا.


ئۇ سارەگىمۇ: _ مەن سېنىڭ پاكلىقىڭنى كۆپچىلىككە ئىسپاتلاش ئۈچۈن، «ئاكاڭ» ئىبراھىمغا مىڭ كۈمۈش تەڭگە تەقدىم قىلىمەن. شۇنىڭ بىلەن سېنىڭ پاكلىقىڭ ھەممە كىشىگە ئايان بولىدۇ، _ دېدى.


تۇرار مېنىڭ ئاشىقىم يىگىتلەر ئارىسىدا، خۇددى ئۆسكەن ئالما دەرىخىدەك ئورمان ئارا. شېرىن تېتىيدۇ ئۇنىڭ مېۋىسى ماڭا، دىلىم يايرايدۇ ئولتۇرسام سايىسىدا.


مىڭ تەڭگە تەۋە بولسۇن سۇلايمانغا، ئىككى يۈز تەڭگە باققۇچىغا. مېنىڭ ئۈزۈمزارىم ئۆزۈمنىڭكىدۇر.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite