1 ئېھ، قانداق ياخشى بولار ئىدى، ئېمىلداش ئاكامدەك بولغان بولساڭ، ھېيىقماستىن سۆيسەم ئىدىم سېنى كوچىدا ئۇچراپ قالساڭ، ھېچكىممۇ ئەيىبلەپ يۈرمەيتتى مېنى.
ئىبراھىمنىڭ ئۆز ئايالى سارە بولسا ئەركىن ئايال بولغاچقا، ئەرشتىكى يېرۇسالېمغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. شۇڭا، ئەرشتىكى يېرۇسالېمنى بىزنىڭ ئانىمىز دېيىشكە بولىدۇ.
پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «شادلان ئەي سىئون قىزى! چۇقان سال قىزىم يېرۇسالېم! مانا، پادىشاھىڭلار كېلىۋاتىدۇ! ئۇ ھەققانىيدۇر، ئۇ نىجاتلىق ئېلىپ كېلەر. ئۇ كىچىك پېئىلدۇر، ئۇ ئېشەككە، يەنى تەخەيگە مىنىپ كېلەر.
شىمون گېپىنى تۈگىتىشى بىلەن، ھاننا يېتىپ كېلىپ خۇداغا شۈكۈر ئېيتتى، ھەمدە ئىسرائىللارنىڭ قۇتقۇزۇلۇشىنى كۈتۈۋاتقان بارلىق خالايىققا بالا توغرىسىدا سۆز قىلدى.
قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مانا، ئەمدى مەن پەرۋەردىگار ئۆز ئەلچىمنى ئەۋەتىمەن. ئۇ ماڭا يول ھازىرلايدۇ. ئۇ توساتتىن ئۆز ئىبادەتخانىسىغا كېلىدۇ. ئۇ سىلەر تەلمۈرۈۋاتقان ئىگەڭلار شۇدۇر. سىلەر تۆت كۆز بىلەن كۈتۈۋاتقان ئەھدە خەۋىرىنى يەتكۈزگۈچى ئەلچى ئۇنىڭ ئۆزىدۇر. ئۇ چوقۇم كېلىدۇ!
مەن پۈتكۈل ئەللەرنى زىلزىلىگە سالىمەن. ئۇلارنىڭ مال-دۇنياسى بۇ ئىبادەتخانىغا ئېلىپ كېلىنىدۇ. مەن قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار يەنە شۇنداق دەيمەنكى، مەن بۇ ئىبادەتخانىنى شان-شەرەپكە تولدۇرىمەن.
سېنى ئەزگەنلەرنىڭ ئەۋلادلىرى ساڭا ئېگىلىدۇ، سېنى كەمسىتكەنلەر سېنىڭ پۇتۇڭغا باش قويىدۇ. ئۇلار سېنى «پەرۋەردىگارنىڭ شەھىرى»، ئىسرائىل خەلقىنى تاللىغان مۇقەددەس خۇدانىڭ شەھىرى _ «سىئون» دەپ ئاتايدۇ.
بىز ئۈچۈن بىر بالا تۇغۇلىدۇ، بىزگە بىر ئوغۇل پەرزەنت ئاتا قىلىنىدۇ. ھاكىمىيەت ئۇنىڭ زىممىسىدە بولىدۇ، ئۇنىڭ نامى ئاجايىپ مەسلىھەتچى، قۇدرەتلىك خۇدا، مەڭگۈلۈك ئاتا، تىنچلىقنىڭ شاھى، دەپ ئاتىلىدۇ.
ئۇنداقتا پەرۋەردىگار ئۆزى سىلەرگە شۇنداق بېشارەت بېرىدۇ: ياش قىز ھامىلىدار بولۇپ، بىر ئوغۇل تۇغىدۇ. ئۇ بالىغا «ئىممانۇئېل» دەپ ئىسىم قويىدۇ.
ھەممەيلەنگە مەلۇمكى، ئېتىقادىمىزنىڭ سىرى بۈيۈكتۇر: ئەيسا مەسىھ ئىنسان تېنىدە ئايان بولدى، مۇقەددەس روھ ئۇنىڭ ھەققانىيلىقىنى ئىسپاتلىدى، ئۇ پەرىشتىلەرگە كۆرۈندى، ئۇ توغرىسىدىكى خەۋەر پۈتكۈل مىللەتلەرگە جاكارلاندى، ئىنسانلار ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلدى، ئۇ ئۇلۇغلۇق ئىچىدە ئەرشكە كۆتۈرۈلدى.
خۇدانىڭ نەزىرىدە ھەقىقىي خەتنە قىلىنغانلار ئۇلار ئەمەس، بەلكى بىزلەر. چۈنكى، بىز مۇقەددەس روھقا تايىنىپ، خۇداغا ئىبادەت قىلىپ، ئەيسا مەسىھ بىلەن ماختىنىمىز. بىز قىلچىمۇ خەتنىگە ۋە ئۆزىمىز سىڭدۈرگەن ئەجىرگە تايانمايمىز.
ئۆزۈمنى ئېلىپ ئېيتسام، رەببىمىز ئەيسانىڭ كرېستتىكى ئۆلۈمىدىن باشقا ھېچقانداق ئىش بىلەن ماختانمايمەن. چۈنكى، ئۇنىڭ كرېستتىكى ئۆلۈمى سەۋەبىدىن بۇ دۇنيا مەن ئۈچۈن ئۆلگەندۇر، مەنمۇ بۇ دۇنيا ئۈچۈن ئاللىبۇرۇن ئۆلگەن.
خۇدا، بۇ دۇنيادا مۇھىم دەپ قارالغان ئىشلارنىڭ ئۆزىنىڭ نەزىرىدە ھېچ نەرسە ئەمەسلىكىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن، ئەھمىيەتسىز، قەدىرسىز دەپ قارالغان ۋە كۆزگە ئىلىنمايدىغان ئىشلارنى تاللىدى.
مەن ئاتامنىڭ يېنىدىن بۇ دۇنياغا كەلدىم. ئەمدى بۇ دۇنيادىن ئاتامنىڭ يېنىغا كېتىمەن.
ھەزرىتى ئەيسا ئاتىسىنىڭ ھەممە ھوقۇقنى ئۆزىگە ئامانەت قىلغانلىقىنى، ئاتىسى خۇدانىڭ يېنىدىن كېلىپ، خۇدانىڭ يېنىغا كېتىدىغانلىقىنى بىلەتتى.
- ئاتاڭلار خۇدا بولغان بولسا، مېنى سۆيگەن بولاتتىڭلار، - دېدى ھەزرىتى ئەيسا، - چۈنكى مەن خۇدانىڭ يېنىدىن كەلدىم، شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ يەردىمەن. ئۆزلۈكۈمدىن كەلگەن ئەمەسمەن، بەلكى ئۇ تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەنمەن.
ھېچكىم ئەرشتىكى ئىشلارنىڭ قانداق ئىكەنلىكىنى بىلمەيدۇ. چۈنكى، ھېچكىم ئەرشتىن چۈشكەن ئەمەس. لېكىن، ئىنسانئوغلى بۇلارنى بىلىدۇ. چۈنكى، ئۇ ئەرشتىن چۈشكەن.
«كالام» ئىنسان بولدى ھەم ئارىمىزدا ياشىدى. ئۇ مېھىر-شەپقەت ۋە ھەقىقەتكە تولغان بولۇپ، بىز ئۇنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى، يەنى ئاتىمىز خۇدانىڭ بىردىنبىر يېگانە ئوغلىنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى كۆردۇق.
ھەزرىتى ئەيسا، ئۆزلىرىنى ئادالەتچى دەۋېلىپ، باشقىلارنى كۆزىگە ئىلمايدىغان كىشىلەرگە قارىتىپ، يەنە بىر تەمسىل ئېيتتى:
- كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاڭلار! - دېدى ھەزرىتى ئەيسا گېپىنى داۋاملاشتۇرۇپ، - ھازىر كۆپچىلىك ئالدىدا مېنى ئېتىراپ قىلغانلارنى كېيىن ئىنسانئوغلىمۇ خۇدانىڭ پەرىشتىلىرى ئالدىدا ئېتىراپ قىلىدۇ.
ھەزرىتى ئەيسا شاگىرتلىرىغا يەنە: - كىمدەكىم سىلەرنىڭ سۆزۈڭلارغا كىرسە، مېنىڭ سۆزۈمگە كىرگەن بولىدۇ. كىمدەكىم سىلەرنى رەت قىلسا، مېنىمۇ رەت قىلغان بولىدۇ. مېنى رەت قىلغانلار مېنى ئەۋەتكۈچىنىمۇ رەت قىلغان بولىدۇ، - دېدى.
ئەگەر كىمدەكىم مەندىن ۋە مېنىڭ سۆزلىرىمدىن نومۇس قىلسا، ئىنسانئوغلى بولغان مەنمۇ ئۆزۈمنىڭ، ئاتامنىڭ ۋە مۇقەددەس پەرىشتىلەرنىڭ شان-شەرىپى ئىچىدە قايتىپ كەلگىنىمدە، ئۇنىڭدىن نومۇس قىلىمەن.
ئوتلۇق لەۋلىرىڭدە سۆيگىن سەن مېنى، شارابتىن شېرىن بىلىمەن مۇھەببىتىڭنى.
خۇدانى خۇرسەن قىلىدىغان قۇربانلىق _ دەل قەلبنىڭ پۇشايمىنى، ئى خۇدا، تەرك ئەتمەيسەن پۇشايمان قىلىپ توۋا قىلغان كۆڭۈلنى.
ئاچچىقلانمىسۇن، باش ئېگىڭلار ئوغلىغا، تۇتسا ئۇنىڭ غەزىپى بىردىنلا، ھالاك بولىسىلەر ماڭغان يولۇڭلاردا. نەقەدەر بەختلىكتۇر پاناھ تاپقانلار ئۇنىڭدا.
ھىدى كېلەر دورا ئۆسۈملۈكلەرنىڭ، ئىشىكىمىز ئۈستىگە تىزىپ قويدۇق مېۋىلەرنى، مېۋىلەرنىڭ باردۇر كونا ۋە يېڭىلىرى، ئى ئاشىقىم، ساقلىدىم ساڭا ئۇلارنى.
باشلاپ كىرىپ سېنى ئانامنىڭ ئۆيىگە، ئانام مېنى تەربىيەلىگەن شۇ يەرگە، ئىچكۈزەتتىم ساڭا مۇسەللەستىن، ئانار شەربەتلىرىدىن.