6 نەقەدەر ئوماق، گۈزەلسەن جېنىم، سۆيۈنۈش تاپىمەن سەندىن ئامرىقىم.
ئى قېرىندىشىم، نەقەدەر شېرىن مۇھەببىتىڭ، ئى مەھبۇبەم، شارابتىنمۇ شېرىندۇر شۇنچە. ھېچبىر خۇشبۇي پۇرىماس سەن ئىشلەتكەن ئەتىرچە.
پادىشاھ مەپتۇندۇر گۈزەل تۇرقۇڭغا، خوجايىنىڭدۇر ئۇ، ئىتائەت قىل ئۇنىڭغا.
مەنسۇپتۇرمەن ئاشىقىمغا، ئۇنىڭ ئىشتىياقى باردۇر ماڭا.
ئى ئامرىقىم، گۈزەلدۇرسەن نەقەدەر، سەندە يوقتۇر ھېچبىر نۇقسان، قۇسۇر.
ئەي كەپتىرىم، يوشۇرۇنۇۋالدىڭ قىيادىكى دالدىغا، مۆكۈۋالدىڭ قورام تاشنىڭ يېرىقلىرىغا. كۆرسەتكىنە جامالىڭنى، ئاڭلاي سېنىڭ ئاۋازىڭنى، چۈنكى شېرىن ئاۋازلىرىڭ، يېقىملىقتۇر چېھرىلىرىڭ.
پەرۋەردىگارىڭ خۇدا ساڭا ياردۇر، ئۇ قۇدرەتلىك قۇتقۇزغۇچىدۇر. ئۇ سەندىن خۇشال بولۇپ، تەنتەنە قىلىدۇ. ئۇ مۇھەببىتى بىلەن ساڭا تەسەللى بېرىدۇ. ئۇ سەندىن شادلىنىپ، ناخشا ئېيتىدۇ.»
قامىتىڭ ئوخشار خۇددى خورما دەرىخىگە، كۆكسۈڭ ئوخشار ئۇنىڭ غوژمەك مېۋىلىرىگە.
ئەمدى سەن ئادەم ئەۋەتىپ، بارلىق ئىسرائىلىيە خەلقىنى ۋە ئىزەبەلنىڭ داستىخىنىدىن غىزالىنىدىغان ئىلاھ بائالنىڭ 450 ساختا پەيغەمبىرىنى، شۇنداقلا ئىلاھە ئاشېرانىڭ 400 ساختا پەيغەمبىرىنى كارمەل تېغىغا چاقىرىپ، مېنىڭ ئالدىمغا جەم قىل، _ دېدى ئىلياس.