5 بېشىڭ گويا قەد كۆتۈرگەن كارمەل تېغى، دولقۇنلىغان قارا چېچىڭ يالتىراق دۇردۇن كەبى، گۈزەللىكىڭ ئەسىر قىلار ھەتتا شاھنىڭ قەلبىنى.
ھەممە يەر گۈل-چېچەككە ۋە شاد-خۇراملىققا تولىدۇ! چۆل-جەزىرىلەر لىۋان تاغلىرىدەك ياپيېشىللىققا پۈركىنىدۇ. ئۇ يەرلەر كارمەل تاغلىرى ۋە شارون تۈزلەڭلىكىدەك گۈزەللىشىپ كېتىدۇ. پەرۋەردىگارىمىز ئۆز شان-شەرىپى ۋە ئۇلۇغلۇقىنى كۆرسىتىدۇ.
ئېھ گۈزەل سۆيۈملۈكۈم، گۈزەلدۈرسەن نېمانچە! كەپتەر كەبى گۈزەل كۆزلۈكۈم، كۆردۈم سېنىڭ كۆزلىرىڭنى چۈمبىلىڭنىڭ كەينىدە. گىلئاد تېغىدىن ئويناقلاپ چۈشۈۋاتقان ئۆچكىلەردەك، دولقۇنلايدۇ قارا، بوستان چاچلىرىڭ شۇنچە.
ئۇنىڭ چېچى ئاق يۇڭ ۋە قاردەك ئاپئاق ئىدى. كۆزلىرى گويا يالقۇنلاپ تۇرغان ئوتتەك ئىدى.
ئۇلارنىڭ ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىنىڭ بېشى بولغان ئەيسا مەسىھ بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوق. ئېتىقادچىلار ئەيسا مەسىھنىڭ باشقۇرۇشى ۋە پەرۋىشىدە خۇددى بەدەندىكى بوغۇم ۋە پەيلەر ئۆزئارا چىڭ تۇتاشقاندەك، ئۆزئارا بىرلىشىپ، خۇدانىڭ ئىرادىسى بويىچە ئۆسۈپ يېتىلىدۇ.
ئەيسا مەسىھ ئۆز تېنىدىن ئىبارەت بولغان ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىنىڭ بېشى ۋە ئۇنىڭ بەرپا قىلغۇچىسىدۇر. ئۇنىڭ ھەر جەھەتتىن پۈتكۈل مەۋجۇداتلاردىن ئۈستۈن تۇرۇشى ئۈچۈن، ئۇ ئەڭ ئاۋۋال ئۆلۈمدىن مەڭگۈلۈككە تىرىلدۈرۈلگەن.
خۇدا كائىناتتىكى بارلىق مەۋجۇداتنى ئەيسا مەسىھنىڭ ئايىغى ئاستىدا تىز پۈكتۈرۈپ، ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكى ئۈچۈن ئۇنى بارلىق مەۋجۇداتقا باش قىلىپ بەردى.
ئۇلارغا مەن سىلەرگە بۇيرۇغان بارلىق ئەمرلەرگە ئەمەل قىلىشنى ئۆگىتىڭلار. مەن ھەقىقەتەنمۇ زامان ئاخىرىغىچە ھەر دائىم سىلەر بىلەن بىللە بولىمەن.
چۈنكى، ئىككى ياكى ئۈچ كىشى مېنىڭ نامىم بىلەن قەيەردە جەم بولسا، مەنمۇ شۇ يەردە ئۇلارنىڭ ئارىسىدا بولىمەن.
ئى پەرۋەردىگار، ساڭا تەۋە پادىلارغا پادىچى بولغايسەن، ئۇلارنى قوغدىغايسەن! ئەتراپىدا مول ئوتلاقلار بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار يەنىلا چاتقاللىقتا ئايرىم ياشىماقتا. ئۇلارنى بۇرۇنقى ۋاقىتلارغا ئوخشاش، باشان ۋە گىلئادنىڭ مۇنبەت ئوتلاقلىرىدا ئوتلاتقايسەن.
ساپ ئالتۇندەك نۇرغا تولغان باشلىرى، قاپقارادۇر قۇزغۇن كەبى ئۇنىڭ بۈدۈر چاچلىرى.
كېدىردىن ياسالغاندۇر ئۆگزىمىزنىڭ لىملىرى، قارىغاي ياغىچىدۇر ئۇنىڭ ۋاسىلىرى.
پەرۋەردىگار ئىسرائىلىيەنىڭ بارلىق جايلىرىدىن سىئون شەھىرىنى ئەڭ ياخشى كۆرەر.
ئى خۇدا، سېنىڭ زەپەر قەدەملىرىڭ كۆرۈنمەكتە، ئى خۇدا، مېنىڭ پادىشاھىم بولغان پەرۋەردىگارىم _ مۇقەددەس ئىبادەتخانىغا كېتىۋاتقىنىڭ كۆرۈنمەكتە.
ئۇ كىشى: _ تاڭ ئاتاي دەپ قالدى، مېنى قويۇپ بەر! _ دېدى. _ سەن ماڭا بەخت ئاتا قىلمىغۇچە، قويۇپ بەرمەيمەن، _ دېدى ياقۇپ.
ئۇ كېيىكتەك سۆيۈملۈك، مارالدەك چىرايلىقتۇر، ئۇنىڭ كۆكسى سېنى قانائەتلەندۈرسۇن، مۇھەببىتىگە دائىم شەيدا بولغىن.
خەشبون ئامورلارنىڭ پادىشاھى سىخوننىڭ شەھىرى بولۇپ، سىخون موئابلارنىڭ ئاۋۋالقى پادىشاھى بىلەن ئۇرۇشۇپ، ئۇنىڭ ئارنون دەرياسىغىچە بولغان بارلىق زېمىنىنى ئىشغال قىلغانىدى.
بوينۇڭ ئوخشار داۋۇتنىڭ مۇنارىغا، نامايان قىلغاندۇر ئۇ شەرىپىڭنى. مىڭلىغان قالقان ئېسىلغاندۇر ئۇنىڭغا، باتۇرلارنىڭ قورالىدۇر ھەممىسى.