نەزمىلەر شاھى 7:4 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى4 بوينۇڭ گويا پىل چىشى مۇنارىدۇر، كۆزلىرىڭ خۇددى باترابىم دەرۋازىسى يېنىدىكى خەشبۇن كۆلچىكىدۇر. قاڭشىرىڭ گويا دەمەشققە قاراپ تۇرغان لىۋان مۇنارىدۇر. Gade chapit la |
بۇ جەرياندا ئۇ «لىۋان ئورمىنى سارىيى»نىمۇ سالدۇردى. ئۇنىڭ ئۇزۇنلۇقى 50 مېتىر، كەڭلىكى 25 مېتىر، ئېگىزلىكى 15 مېتىر ئىدى. ساراينىڭ ئۆگزىسىنى كېدىر ياغىچىدىن ياسالغان تۆت رەت تۈۋرۈك كۆتۈرۈپ تۇراتتى. تۈۋرۈكلەرنىڭ ئۈستىگە جەمئىي 45 دانە كېدىر دەرىخىنىڭ لىمى ئىشلىتىلگەن بولۇپ، ھەر ئىككى رەت تۈۋرۈك 15 دانە لىم بىلەن تۇتاشتۇرۇلغانىدى. لىملارنىڭ ئۈستى كېدىر تاختايلىرى بىلەن يېپىلغانىدى.