Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




نەزمىلەر شاھى 7:13 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

13 ھىدى كېلەر دورا ئۆسۈملۈكلەرنىڭ، ئىشىكىمىز ئۈستىگە تىزىپ قويدۇق مېۋىلەرنى، مېۋىلەرنىڭ باردۇر كونا ۋە يېڭىلىرى، ئى ئاشىقىم، ساقلىدىم ساڭا ئۇلارنى.

Gade chapit la Kopi




نەزمىلەر شاھى 7:13
21 Referans Kwoze  

ئورما مەزگىلىدە لېياھنىڭ چوڭ ئوغلى رۇبېن بۇغدايلىقتىن تۇغماسلىققا شىپا بولىدىغان بىر خىل دورا ئۆسۈملۈك تېپىۋېلىپ، ئانىسى لېياھقا بەردى. بۇنى كۆرگەن راھىلە لېياھقا: _ ماڭا ئوغلۇڭ تېپىۋالغان دورا ئۆسۈملۈكتىن بىرئاز بەرگىن، _ دېدى.


ھەزرىتى ئەيسا مۇنداق دېدى: - ئەرشنىڭ پادىشاھلىقى توغرۇلۇق تەلىم ئالغان تەۋرات ئۇستازى خۇددى خەزىنىسىدىن كونىنىلا ئەمەس، بەلكى يېڭى نەرسىلەرنىمۇ ئېلىپ چىققان خوجايىنغا ئوخشايدۇ.


كىمگە خۇدا توغرىسىدا تەلىم بېرىش قابىلىيىتى ئاتا قىلىنغان بولسا، ئۇ خۇدانىڭ سۆزلىرىنى سۆزلىسۇن، كىمگە باشقىلارغا خىزمەت قىلىش قابىلىيىتى ئاتا قىلىنغان بولسا، ئۇ خۇدانىڭ بەرگەن كۈچ-قۇدرىتى بىلەن خىزمەت قىلسۇن. بۇنىڭ بىلەن، ھەممە ئىشتا خۇدا ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق مەدھىيىلىنىدۇ. بارلىق شان-شەرەپ ۋە كۈچ-قۇدرەت خۇداغا ئەبەدىلئەبەد مەنسۇپ بولغاي، ئامىن!


مەيلى سىلەر نېمە دەڭلار ياكى نېمە قىلىڭلار، ھەممىسىنى رەببىمىز ئەيسانىڭ نامىنىڭ ئۇلۇغلىنىشى ئۈچۈن قىلىڭلار ۋە ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق خۇدائاتىمىزغا شۈكۈر ئېيتىڭلار.


ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق ھاياتىڭلار يەنە ھەققانىيلىق مېۋىسى بىلەن تولۇپ، خۇداغا شان-شەرەپ ۋە مەدھىيىلەر ئېلىپ كېلىسىلەر.


بۇ يورۇقلۇق ھاياتىڭلاردا ياخشىلىق، ئادىللىق ۋە ھەقىقەتتىن ئىبارەت مول مېۋىلەرنى بېرىدۇ.


ھەر يەكشەنبە كۈنى، ھەربىرىڭلار ھەپتىلىك تاپاۋىتىڭلارغا قاراپ، ئۇنىڭ مەلۇم قىسمىنى ئىئانىگە ئاجرىتىپ توپلاڭلار. شۇنداق قىلساڭلار، يېنىڭلارغا بارغىنىمدا پۇل توپلىنىپ بولغان بولىدۇ.


ھالبۇكى، مۇقەددەس يازمىلاردا يېزىلغىنىدەك: «خۇدانى سۆيگەنلەرگە خۇدانىڭ تەييارلىغانلىرى دەل ھېچقانداق كۆز كۆرۈپ باقمىغان، ھېچقانداق قۇلاق ئاڭلاپ باقمىغان، ھېچقانداق ئادەم ئويلاپ باقمىغان نەرسىلەردۇر.»


سىلەر كۆپ مېۋە بېرىشىڭلار ئارقىلىق مېنىڭ شاگىرتلىرىم ئىكەنلىكىڭلارنى ئىسپاتلايسىلەر. بۇ، ئاتامغا شان-شەرەپ ئېلىپ كېلىدۇ.


بىراق، پادىشاھ ئۇلارغا: «بىلىپ قويۇڭلاركى، ئەڭ ئەرزىمەس قېرىنداشلىرىمدىن بولغان بۇلارنىڭ بىرەرسىگە قىلغىنىڭلار دەل ماڭا قىلغىنىڭلار بولۇپ ھېسابلىنىدۇ» دەپ جاۋاب بېرىدۇ.


لېكىن ئۇنىڭ تاپقان كىرىمىدىن پەرۋەردىگارغا ئايرىپ قويۇلىدۇ. ئۇ تاپقان بايلىقىنى دۆۋىلەپ قويمايدۇ. ئۇنىڭ كىرىمى پەرۋەردىگارغا خىزمەت قىلىدىغانلارغا ئايرىپ بېرىلىدۇ، ئۇلارنىڭ يېمەكلىرى مول بولىدۇ، ياخشى كىيىنىدۇ.


ئويغان، ئەي شىمال شامىلى، سەنمۇ كەل، ئەي جەنۇب شامىلى، ئۇچۇپ ئۆتسەڭ ئەگەر ئۈستۈمدىن، چېچىلار باغچامدىن خۇش پۇراق. ئاشىقىم كېلىپ ئۆز بېغىغا، يېسۇن ئېسىل مېۋىلىرىنى باغلاپ ئىشتىياق.


بېھىشتەك بىر باغدۇرسەن ئانىرى بولغان، ئېسىل مېۋە، خېنە، سۇمبۇل،


تۇرار مېنىڭ ئاشىقىم يىگىتلەر ئارىسىدا، خۇددى ئۆسكەن ئالما دەرىخىدەك ئورمان ئارا. شېرىن تېتىيدۇ ئۇنىڭ مېۋىسى ماڭا، دىلىم يايرايدۇ ئولتۇرسام سايىسىدا.


ئېھ، قانداق ياخشى بولار ئىدى، ئېمىلداش ئاكامدەك بولغان بولساڭ، ھېيىقماستىن سۆيسەم ئىدىم سېنى كوچىدا ئۇچراپ قالساڭ، ھېچكىممۇ ئەيىبلەپ يۈرمەيتتى مېنى.


كىرگەن ئىدىم ياڭاقلىققا، كۆرەرمەنمۇ دەپ جىلغىدىكى چېچەكلەرنى، يۇمران ئۈزۈم نوتىلىرى، ئانارنىڭ چېچەكلىرىنى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite