11 ئى ئاشىقىم، كەل، ئېتىزلارغا بارايلى، يېزىلاردا قونۇپ قالايلى.
ئى مەھبۇبەم، بىللە كېتەيلى لىۋاندىن، مەن بىلەن بىللە كەتكىن بۇ يەردىن، ئاماناھ، سىنىر، خەرمون چوققىلىرىدىن، شىر ۋە يىلپىزلارنىڭ ئوۋىلىرىدىن.
يۈر، قاچايلى، ئېلىپ كەت مېنى، ئېھ پادىشاھىم، ئېلىپ كىرگىن ھۇجراڭغا مېنى. ئى پادىشاھىمىز، شادلىنىمىز خۇشال بولۇپ سېنىڭدىن، سۆيگۈڭنى تەرىپلەيمىز ئارتۇق شارابتىن. ئەجەبلىنەرلىك ئەمەستۇر قىزلارنىڭ سېنى سۆيۈشى، ھەقلىقتۇر ئۇلارنىڭ ساڭا ئاشىق بولۇشى.
مەنسۇپتۇرمەن ئاشىقىمغا، ئۇنىڭ ئىشتىياقى باردۇر ماڭا.
سەھەر تۇرۇپ، سەيلە قىلايلى ئۈزۈمزار ئارا، كۆرۈپ كېلەيلى ئۈزۈم تاللىرى بىخلاپتىمۇ، گۈللەر ئېچىلىپتىمۇ، ئانارلار چېچەكلەپتىمۇ، مەن شۇ يەردە سۆيگۈمنى بېرەي ساڭا.
تىر خەلقى ئېلىپ كېلەر ساڭا ھەدىيەلەر، ئىلتىپات ئىستەر سەندىن ئۇ پۇلدارلار.
ئاشىقىم مەنسۇپتۇر ماڭا، مەنمۇ ئۇنىڭغا، ئۇ ھۇزۇرلىنار قىزىلگۈللەر ئارىسىدا.