8 باردۇر شاھنىڭ ئاتمىش خانىش _ ئايالى، سانسىزلىغان كېنىزەك، سەكسەن توقىلى.
پادىشاھ ئالدىغا كەلتۈرىلەر ئۇ كەشتىلىك كىيىملىرىدە، ئالدىغا ئېلىپ كېلىنەر كېنىزەكلىرىمۇ ئۇنىڭ بىلەن بىرگە.
پادىشاھ سۇلايماننىڭ 700 خوتۇنى، 300 توقىلى بار ئىدى. بۇ ئاياللار سۇلايماننىڭ قەلبىنى پەرۋەردىگاردىن يىراقلاشتۇردى.
شاھ قىزلىرى باردۇر ئىززەتلىگەنلىرىڭنىڭ ئارىسىدا، ئوفىر ئالتۇنىدا بېزەلگەن مەھبۇبۇڭ تۇرار ئوڭ يېنىڭدا.
پادىشاھ سۇلايمان پىرئەۋننىڭ قىزىدىن باشقا يەنە نۇرغۇن يات ئەللەرنىڭ قىزلىرىغا، يەنى موئابلىق، ئاممونلۇق، ئىدوملۇق، سىدونلۇق ۋە خىتلىق قىزلارغا ئاشىق بولدى.
ئاندىن، ھەر خەلق، ھەر قەبىلە، ھەر مىللەتتىن بولغان، ھەر خىل تىللاردا سۆزلىشىدىغان ساناپ تۈگەتكۈسىز زور بىر توپ خالايىقنىڭ تەختنىڭ ۋە قوزىنىڭ ئالدىدا تۇرغانلىقىنى كۆردۈم. ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئاق تون كىيگەن بولۇپ، قوللىرىدا خورما شاخلىرى تۇتقانىدى.
رىخوبئامنىڭ جەمئىي 18 ئايالى، 60 توقىلى، 28 ئوغلى، 60 قىزى بار ئىدى. رىخوبئام ئاياللىرى ۋە توقاللىرىنىڭ ئىچىدە مائاكانى ئەڭ ياخشى كۆرەتتى.
ئەتىرىڭدىن چېچىلار خۇش پۇراقلار، شۆھرىتىڭ پۇراقلىق مايدەك تارقىلار، شۇڭا سېنى سۆيىدۇ قىزلار.