7 چۈمبىلىڭدە يوشۇرغان مەڭزىلىرىڭ، قىزارغاندۇر خۇددى ئانارنىڭ دانىسىدەك.
نەقەدەر گۈزەل سېنىڭ ئېغىزلىرىڭ، لەۋلىرىڭ گويا قىپقىزىل يىپەك رەختتەك. چۈمبىلىڭدە يوشۇرغان مەڭزىلىرىڭ قىزارغاندۇر خۇددى ئانارنىڭ دانىسىدەك.
ئېھ گۈزەل سۆيۈملۈكۈم، گۈزەلدۈرسەن نېمانچە! كەپتەر كەبى گۈزەل كۆزلۈكۈم، كۆردۈم سېنىڭ كۆزلىرىڭنى چۈمبىلىڭنىڭ كەينىدە. گىلئاد تېغىدىن ئويناقلاپ چۈشۈۋاتقان ئۆچكىلەردەك، دولقۇنلايدۇ قارا، بوستان چاچلىرىڭ شۇنچە.