Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




نەزمىلەر شاھى 6:4 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

4 ئى سۆيۈملۈكۈم، گۈزەلدۇرسەن تىرزاھ شەھىرىدەك، يېقىملىقسەن يېرۇسالېمدەك، ھەيۋەتلىكسەن تۇغ كۆتۈرگەن قوشۇندەك.

Gade chapit la Kopi




نەزمىلەر شاھى 6:4
21 Referans Kwoze  

«كىمدۇر ئۇ تاڭ سەھەردەك پارلىغان، گۈزەل ئايدەك چاقنىغان، ئىللىق قۇياشتەك يورۇغان، يۇلتۇزلاردەك ھەيۋەت بولۇپ كۆرۈنگەن؟»


بۈيۈك ۋە كۆركەم سىئون تېغى، شادلىقىدۇر پۈتكۈل جاھاننىڭ. ھەيۋەتلىكتۇر زافون تېغىنىڭ چوققىلىرىدەك، تۇرار ئۇ شەھىرىدە ئۇلۇغ پادىشاھنىڭ.


ياروبئامنىڭ ئايالى ئورنىدىن تۇرۇپ، يولغا چىقتى. ئۇ تىرزاھ شەھىرىگە قايتىپ كېلىپ، ئۆيىنىڭ بوسۇغىسىدىن ئاتلىشى بىلەنلا ئوغلى جان ئۈزدى.


مۇقەددەس شەھەرنىڭ، يەنى خۇدا نازىل قىلغان يېڭى يېرۇسالېمنىڭ ئەرشتىن خۇددى ئۆز يىگىتىگە پەردازلىنىپ ھازىرلانغان قىزدەك چۈشۈۋاتقانلىقىنى كۆردۈم.


چاۋاك چېلىپ، مازاق قىلار سېنى يولدىن ئۆتكەنلەر، ئۇلار يېرۇسالېمغا قارىشىپ، بېشىنى چايقىشىپ: «گۈزەللىكتە تەڭداشسىز شەھەر شۇمۇ؟ پۈتۈن دۇنيانى شادلاندۇرغان شەھەر شۇمۇ؟» دېيىشەر.


ئى ئامرىقىم، گۈزەلدۇرسەن نەقەدەر، سەندە يوقتۇر ھېچبىر نۇقسان، قۇسۇر.


ئەي كەپتىرىم، يوشۇرۇنۇۋالدىڭ قىيادىكى دالدىغا، مۆكۈۋالدىڭ قورام تاشنىڭ يېرىقلىرىغا. كۆرسەتكىنە جامالىڭنى، ئاڭلاي سېنىڭ ئاۋازىڭنى، چۈنكى شېرىن ئاۋازلىرىڭ، يېقىملىقتۇر چېھرىلىرىڭ.


خۇدانىڭ پارلاق نۇرى جۇلالىدى سىئوندىن، گۈزەللىكنىڭ كامالىتى بولغان ئاشۇ ماكاندىن.


ئۇنىڭ بۇنداق قىلىشى ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىنى ھەرقانداق ئىللەت، گۇناھ ۋە يېتەرسىزلىكلەردىن خالى قىلىپ، ئۇنى شان-شەرەپلىك ھالدا ئۆز ئالدىغا خۇددى تويدا كۆچۈرۈلۈشكە تەييارلانغان گۈزەل قىزدەك پاك ۋە ئەيىبسىز ئېلىپ كېلىش ئۈچۈندۇر.


چۈنكى، جەڭ قوراللىرىمىز بۇ دۇنياغا خاس قوراللار ئەمەس، بەلكى شەيتاننىڭ مۇستەھكەم قەلئەلىرىنى گۇمران قىلىدىغان، خۇدانىڭ كۈچ-قۇدرىتىگە ئىگە بولغان قوراللاردۇر.


ئۇ كۈن كەلگەندە، مەن يېرۇسالېمنى مىدىرلاتقىلى بولمايدىغان تاش قىلىمەن. ئۇنىڭغا قارشى بىرلىشىپ ھۇجۇم قىلغان بارلىق ئەللەر ئۇنى يۆتكىمەكچى بولسا، ئۆزلىرىنى يارىلاندۇرىدۇ.


ئۇيقۇدا ئىدىم، لېكىن ئويغاق ئىدى كۆڭلۈم، چۈشۈمدە ئاڭلىدىم سۆيۈملۈكۈمنىڭ ئاۋازىنى، مانا، ئۇ قاقتى ئىشىكنى! ئىشىكنى ئاچ سىڭلىم _ ئامرىقىم، ئېھ مېنىڭ غۇبارسىز كەپتىرىم. شەبنەم چۈشۈپ بېشىمغا، كېچىدە ھۆل بولدى چېچىم.


ئېھ ئامرىقىم، چىرايلىقسەن نەقەدەر، گۈزەلدۇر كۆزۈڭ كەپتەر كەبى شۇ قەدەر.


ئەي يېرۇسالېم قىزلىرى، گۈزەلدۈرمەن قارا بولساممۇ، قېدار خەلقىنىڭ چېدىرلىرىدەك قارا بولساممۇ، چىرايلىقمەن سۇلايماننىڭ پەردىلىرىدەك.


يەھۇدىيە پادىشاھى ئاسانىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ ئۈچىنچى يىلى ئاخىيانىڭ ئوغلى باشا تىرزاھتا ئىسرائىلىيەگە پادىشاھ بولدى. ئۇ 24 يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى.


پادىشاھ باشا بۇ ئىشلارنى ئاڭلاپ، راماھ شەھىرىنى مۇستەھكەملەش ئىشىنى توختىتىپ، تىرزاھ شەھىرىگە قايتىپ كەتتى.


خۇدا تۇرۇپ قەلئەلىرىدە يېرۇسالېمنىڭ، قوغدىغۇچىلىقىنى نامايان قىلار ئۆزىنىڭ.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite