2 ئاشىقىم كەتتى ئۆزىنىڭ گۈلزارىغا، دورا ئۆسۈملۈك بېغىدا ھۇزۇرلىنىشقا، ئۇ يەردىن قىزىلگۈللەرنى يىغىشقا.
خۇشبۇي گىياھ تېرىلغان گۈلزار كەبى مەڭزىلىرى، قىزىلگۈلگە ئوخشار مۇرمەككى سۈرۈلگەن لەۋلىرى.
چۈنكى، ئۇلارنى تەختنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى قوزا باقىدۇ ۋە ھاياتلىق سۈيىنىڭ بۇلاقلىرىغا ئېلىپ بارىدۇ. خۇدا ئۇلارنىڭ كۆزلىرىدىكى پۈتۈن ياشلارنى سۈرتىدۇ، - دېدى.
ئى ئاتا، سەن ماڭا بەرگەن كىشىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ مەن بىلەن بىر يەردە بولۇشىنى ھەم ئۇلارنىڭ ئۇلۇغلۇقۇمنى كۆرۈشىنى ئارزۇ قىلىمەن. بۇ، دۇنيا ئاپىرىدە بولۇشتىن بۇرۇن، مېنى سۆيگەنلىكىڭ ئۈچۈن ماڭا بەرگەن ئۇلۇغلۇقتۇر.
مەن تەييارلىق قىلغىلى بارىدىغانىكەنمەن، چوقۇم قايتىپ كېلىپ، سىلەرنى مەن بىلەن بىللە ئېلىپ كېتىمەن. شۇنداق بولغاندا، مەن قەيەردە بولسام، سىلەرمۇ شۇ يەردە بولىسىلەر.
ئۇلارغا مەن سىلەرگە بۇيرۇغان بارلىق ئەمرلەرگە ئەمەل قىلىشنى ئۆگىتىڭلار. مەن ھەقىقەتەنمۇ زامان ئاخىرىغىچە ھەر دائىم سىلەر بىلەن بىللە بولىمەن.
چۈنكى، ئىككى ياكى ئۈچ كىشى مېنىڭ نامىم بىلەن قەيەردە جەم بولسا، مەنمۇ شۇ يەردە ئۇلارنىڭ ئارىسىدا بولىمەن.
پەرۋەردىگارىڭ خۇدا ساڭا ياردۇر، ئۇ قۇدرەتلىك قۇتقۇزغۇچىدۇر. ئۇ سەندىن خۇشال بولۇپ، تەنتەنە قىلىدۇ. ئۇ مۇھەببىتى بىلەن ساڭا تەسەللى بېرىدۇ. ئۇ سەندىن شادلىنىپ، ناخشا ئېيتىدۇ.»
ئۇلارغا خىزمەتكارىم داۋۇتنىڭ ئەۋلادىدىن بىر قويچى تەيىنلەيمەن. ئۇ ئۇلارغا قويچى بولۇپ، ئۇلارنى باقىدۇ.
تۇپراق مايسىنى ئۈندۈرگەندەك، باغ تېرىغاننى ئۆستۈرگەندەك، پەرۋەردىگارمۇ ئوخشاشلا، ھەققانىيلىقنى ئۆستۈرىدۇ، بارلىق ئەللەر ئۇنى مەدھىيەلەيدۇ.
ھەر دائىم مەن پەرۋەردىگار سىلەرگە يول كۆرسىتىمەن، قاقاس يەرلەردىمۇ ئېھتىياجىڭلارنى قاندۇرىمەن ھەم ئۇستىخىنىڭلارنى مەزمۇت قىلىمەن. سىلەر خۇددى سۇغۇرۇلغان بىر باغ، ھەم سۈيى تۈگىمەس بىر بۇلاقتەك بولىسىلەر.
ھەققانىيلار ئۆلۈپ كەتسە، ھېچكىم كۆڭلىگە ئېلىپمۇ قويمايدۇ، تەقۋادارلار ۋاپات بولسا، ھېچكىم پىسەنت قىلمايدۇ، ھەققانىيلار ۋاپات بولسا، بالا-قازادىن قۇتۇلىدۇ.
پەرۋەردىگار پادىچىغا ئوخشاش ئۆزىنىڭ قويلىرىنى باقىدۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ قوزىلىرىنى قولىغا ئالىدۇ، ئۇلارنى كۆتۈرۈپ، باغرىغا بېسىپ ماڭىدۇ، ئۇ ساغلىق ۋە قوزىلارنى مېھرىبانلىق بىلەن يېتەكلەيدۇ.
كىرگەن ئىدىم ياڭاقلىققا، كۆرەرمەنمۇ دەپ جىلغىدىكى چېچەكلەرنى، يۇمران ئۈزۈم نوتىلىرى، ئانارنىڭ چېچەكلىرىنى.
پېچەتلەنگەن بىر باغدۇرسەن قېرىندىشىم، ئېتىك قۇدۇق، يېپىقلىق بۇلاقتۇرسەن مېنىڭ جېنىم.
ئاشىقىم مەنسۇپتۇر ماڭا، مەنمۇ ئۇنىڭغا، ئۇ ھۇزۇرلىنار قىزىلگۈللەر ئارىسىدا.
ئىككى كۆكسۈڭ ئوخشار ئىككى كېيىك، ئىككى جەرەن بالىسىغا، ئوتلاپ يۈرگەن ياۋا گۈللەر ئارىسىدا.
ئويغان، ئەي شىمال شامىلى، سەنمۇ كەل، ئەي جەنۇب شامىلى، ئۇچۇپ ئۆتسەڭ ئەگەر ئۈستۈمدىن، چېچىلار باغچامدىن خۇش پۇراق. ئاشىقىم كېلىپ ئۆز بېغىغا، يېسۇن ئېسىل مېۋىلىرىنى باغلاپ ئىشتىياق.
كىردىم ئۆز بېغىمغا، ئى مەھبۇبەم _ جېنىم سىڭلىم، يىغاي ئەمدى مۇرمەككى، تېتىتقۇلىرىمنى، ھەرە كۆنىكى بىلەن يەي ھەسىلىمنى، ئىچەي شاراب ۋە سۈتلىرىمنى. ئەي ئاشىقلار، يەڭلار تويغۇچە، مۇھەببەتتىن ئىچىڭلار قانغۇچە.