9 ئېيتقىنا، ئەي گۈزەللەرنىڭ گۈزىلى، سەن بىزگە شەرت قويغۇدەك، ئاشىقىڭ باشقىلاردىن ئارتۇقمىكىن، ئۇنىڭ باشقىلاردىن ئارتۇق تەرىپى بارمىكىن؟
ئېيتقىنا ئەي گۈزەللەرنىڭ گۈزىلى، ئاشىقىڭ كەتتى قايسى تەرەپكە؟ ساڭا بىز ئىزدىشىپ بېرەيلى بىرگە.
ئەي گۈزەللەرنىڭ گۈزىلى، ئەجەبا، بىلمەمسەن ئۇ يەرنى؟ ئۇنداقتا پادامنىڭ ئىزىدىن مېڭىپ، پادىچىلار چېدىرىنىڭ يېنىدا باققايسەن ئۆچكىلىرىڭنى.
پەرۋەردىگارنىڭ خىزمەتكارى خۇددى يېڭى ئۈنۈپ چىققان ئاجىز مايسىدەك، خۇددى قۇرغاق تۇپراقتا يېتىلگەن يىلتىزدەك، پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا ئۆسۈپ يېتىلدى. ئۇنىڭ بىزنى ئۆزىگە جەلپ قىلغۇدەك سالاپەتلىك تۇرقى، بىز ھەۋەس قىلغۇدەك گۈزەل سىياقىمۇ يوق.
ئەي خۇدانىڭ شەھىرى، شەرىپىڭگە پۈتۈلمەكتە ئۇلۇغ ئىشلار. سېلاھ
نەقەدەر جىلۋە قىلار مەلىكە ھۇجرىسىدا، كەشتىلەنگەندۇر كىيىملىرى زەر ئالتۇندا.
«كالام» ئىنسان بولدى ھەم ئارىمىزدا ياشىدى. ئۇ مېھىر-شەپقەت ۋە ھەقىقەتكە تولغان بولۇپ، بىز ئۇنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى، يەنى ئاتىمىز خۇدانىڭ بىردىنبىر يېگانە ئوغلىنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى كۆردۇق.
ھەزرىتى ئەيسا يېرۇسالېمغا كىرگەندە، پۈتۈن شەھەر لەرزىگە كەلدى. كىشىلەر: - بۇ كىمدۇ؟ - دېيىشەتتى.
ئېھ يېرۇسالېم قىزلىرى، ئۆتۈنەي سىلەردىن، ئويغاتماڭلار دالىدىكى مارال ۋە جەرەنلەرنى، ۋاقتى كەلمىگۈچە ئويغاتماڭلار مۇھەببەتنى.