4 ئاشىقىم ئىشىكنىڭ تۆشۈكىدىن تىقتى قولىنى، ئۆرتىدى بىر ئوت يۈرەك-باغرىمنى.
چۈنكى، خۇدا سىلەرنى ئۆزگەرتىپ، سىلەرگە ئۆزىنىڭ ئىرادىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئارزۇ ھەم كۈچ-قۇدرەت بېرىدۇ.
مېنىڭ سىلەرگە بولغان قىزغىنلىقىمدەك قىزغىنلىقنى تىتۇسنىڭ قەلبىگە سالغان خۇداغا شۈكۈرلەر بولغاي!
ئاڭلىغۇچىلار ئىچىدە تىياتىرا شەھىرىدىن كەلگەن لىديا ئىسىملىك بىر ئايال بار ئىدى. سۆسۈن رەڭلىك رەخت ساتىدىغان لىديا گەرچە يەھۇدىي بولمىسىمۇ، خۇداغا ئىبادەت قىلاتتى. خۇدانىڭ ئۇنىڭ قەلبىنى يورۇتۇشى بىلەن، ئۇ پاۋلۇسنىڭ تەلىمىنى قوبۇل قىلدى.
يۈر، قاچايلى، ئېلىپ كەت مېنى، ئېھ پادىشاھىم، ئېلىپ كىرگىن ھۇجراڭغا مېنى. ئى پادىشاھىمىز، شادلىنىمىز خۇشال بولۇپ سېنىڭدىن، سۆيگۈڭنى تەرىپلەيمىز ئارتۇق شارابتىن. ئەجەبلىنەرلىك ئەمەستۇر قىزلارنىڭ سېنى سۆيۈشى، ھەقلىقتۇر ئۇلارنىڭ ساڭا ئاشىق بولۇشى.
سەن جەڭ قىلىدىغان كۈنى قوشۇنلىرىڭنى يىغقاندا، تەقۋادارلىرىڭ چىقار ئۆز ئىختىيارلىقىدا. سۈبھىدە كېلۇر نەۋقىرانلار ئالدىڭغا، خۇددى شەبنەم چۈشكەندەك سەن تۇرغان تاغقا.
بالىنىڭ ئۆز ئانىسىنىڭ يۈرىكى ئۆرتىنىپ پادىشاھقا: _ پادىشاھ ئالىيلىرى، بالىنى ھەرگىز ئۆلتۈرمىگەيلا، بالىنى ئۇنىڭغا بەرگەيلا، _ دېدى. يەنە بىر ئايال بولسا: _ بالا مېنىڭمۇ ياكى سېنىڭمۇ بولمىسۇن، ئۇنى ئىككىگە پارچىلاڭلار، _ دېدى.
يۈسۈپ ئۆز ئىنىسىنى كۆرۈش بىلەنلا ھېسسىياتىنى باسالماي، كۆپچىلىكنىڭ ئالدىدا ئۈن سېلىپ يىغلىۋەتكىلى تاس قالدى. شۇڭا ئۇلارنىڭ يېنىدىن چىقىپ، ئۆز ھۇجرىسىغا كىرىپ بىرھازاغىچە كۆز يېشى قىلدى.
نۇھ 600 ياشقا كىرگەن يىلى، 2-ئاينىڭ 17-كۈنى يەر ئاستىدىكى ھەممە بۇلاقلار ئېتىلىپ چىقتى، يامغۇر ئاسماندىن چېلەكلەپ سۇ قويغاندەك قاتتىق ياغدى.
مەن پەرۋەردىگار مۇنداق دەيمەن: ئىسرائىلىيە يەنىلا مېنىڭ ئوغلۇم، قەدىرلىك بالام ئەمەسمۇ؟ ئۇنى دائىم ئەيىبلىسەممۇ، لېكىن مەن يەنىلا ئۇنى سۆيىمەن. مەن ئۇنى سېغىنىمەن، جەزمەن ئۇنىڭغا رەھىمدىللىك قىلىمەن.