3 سېلىۋەتكەنىدىم ئېگىنلىرىمنى، كىيەي يەنە قانداقمۇ ئۇنى؟ يۇيغانىدىم پۇتلىرىمنى، بۇلغاي يەنە قانداقمۇ ئۇنى؟
دوستۇڭ ئۆيىنىڭ ئىچىدە تۇرۇپ، «مېنى ئاۋارە قىلما، ئىشىك تاقاقلىق، بالىلار، ھەممىمىز يېتىپ قالدۇق. خاپا بولما!» دەپ جاۋاب بېرىشى مۇمكىنمۇ؟
يىگىت ۋاقچە كەلگەچكە، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئۇيقۇ بېسىپ ئۇخلاپ قاپتۇ.
ھۇرۇن شۇنداق دەر:«شىر بار تالادا، يەم بولىمەن چىقسام كوچىغا».
ئېرىشەلمەس ھۇرۇنلار كۆڭلى خالىغان ھەر قانداق نەرسىگە، ئېرىشەر تىرىشچانلار بارلىق ئارزۇسىغا.
قوشناڭغا ئېھتىياجلىق نەرسە سەندە بار بولسا، «ئەتە كەل، شۇ چاغدا بېرەي» دەپ ئۇنى قايتۇرما.
_ ھەزرەتلىرىم، بىزنىڭ ئۆيگە مەرھەمەت قىلىپ، داستىخىنىمغا داخىل بولغايلا. پۇت-قوللىرىنى يۇيۇپ، بىرەر كېچە ھاردۇق ئېلىپ، ئەتە سەھەردە يوللىرىغا راۋان بولۇشقايلا، _ دېدى. لېكىن ئۇلار: _ ياق، بىز كېچىنى كوچىدا ئۆتكۈزىمىز، _ دەپ جاۋاب بېرىشتى.