نەزمىلەر شاھى 5:16 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى16 ئۇنىڭ ئېغىزى بەكمۇ شېرىن، ھەر جەھەتتىن مەپتۇن قىلار ئادەمنى. ئى يېرۇسالېم قىزلىرى، بۇ مېنىڭ قەدىرلىكىم، بىلىپ قېلىڭلار ھەمراھىمنى. Gade chapit la |
مەن قەتئىي شۇنداق قارايمەنكى، رەببىم ئەيسا مەسىھنى تونۇشنىڭ ئەۋزەللىكى ئالدىدا ھەرقانداق ئىش قەدىرسىزدۇر. ئەيسا مەسىھنى تونۇپ يېتىشىم ۋە ئۇنىڭغا زىچ باغلىنىشىم ئۈچۈن، ھەممىنى تاشلىۋەتتىم ھەمدە ئۇلارنى ئەخلەت، دەپ قارايمەن. ئەمدى مېنىڭ ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلىنىشىم تەۋرات قانۇنىغا ئەمەل قىلىش ئارقىلىق ئەمەس، بەلكى ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلىش ئارقىلىق بولدى. چۈنكى بۇ ھەققانىيلىق ئېتىقاد ئارقىلىق خۇدادىن كەلدى.
پەرۋەردىگار مەن ھوشىياغا مۇنداق دېدى: _ سەن يەنە بىر قېتىم باشقا ئەرنى سۆيىدىغان زىناخور ئايالىڭغا كۆڭلۈڭنى بەرگىن. مەن پەرۋەردىگار خۇددى ئىسرائىلىيە خەلقىنى سۆيگەندەك، سەنمۇ ئۇنى سۆيگىن. گەرچە ئۇلار باشقا ئىلاھلارغا چوقۇنۇپ، بۇتلارغا كىشمىش سۇنۇشنى ياخشى كۆرسىمۇ، مەن پەرۋەردىگار يەنىلا ئۇلارنى ياخشى كۆرىمەن.