14 سېرىق ياقۇت قويۇلغان ئالتۇندۇر ئۇنىڭ بىلەكلىرى، كۆك ياقۇتتا بېزەلگەن پىل چىشىدۇر بويلىرى.
ئۇلار ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدانى كۆردى! ئۇنىڭ ئايىغى ئاستىدا ئاسمانغا ئوخشاش سۈپسۈزۈك كۆك ياقۇت پايانداز بار ئىدى.
ئەي، ئازاب-ئوقۇبەت تارتقان، بوران-چاپقۇنلاردا قالغان، تەسەللى تاپمىغان شەھەر يېرۇسالېم، مەن سېنىڭ ئۇلۇڭنى ئېسىل رەڭلىك تاشلاردا قوپۇرۇپ چىقىمەن، مەن سېنى كۆك ياقۇتلاردىن قۇرۇپ چىقىمەن.
تۆت دانە چاقنىڭ شەكلىمۇ، تۈزۈلۈشىمۇ ئوخشاش ئىدى. ئۇلار سېرىق ياقۇتتەك جۇلالىنىپ تۇراتتى. ھەربىر چاقنىڭ ئىچىگە يەنە بىردىن چاق توغرىسىغا كىرىشتۈرۈلگەنىدى.
قاراڭلار، مېنىڭ خىزمەتكارىم ھامان مۇۋەپپەقىيەت قازىنىدۇ، ئۇ ھۆرمەتلىنىدۇ، ئىززەتلىنىدۇ ۋە ئابرۇيغا ئىگە بولىدۇ.
ئۇنىڭ ھاكىمىيىتى ۋە تىنچلىقى چەكسىز ئۇزۇن بولىدۇ، ئۇ داۋۇتنىڭ تەختىدە ئولتۇرۇپ، ئادالەت ۋە ھەققانىيلىق بىلەن ئۇنىڭ پادىشاھلىقىنى مۇستەھكەم قىلىپ قۇرۇپ چىقىدۇ. بۇ، شۇ ۋاقىتتىن باشلاپ مەڭگۈگە داۋاملىشىدۇ. قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار بۇنى جان دىلى بىلەن ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ!
كىندىكىڭ ئوخشار گويا شاراب جامىغا، خۇشبۇي مەيلەر لىقمۇلىق تولدۇرۇلغان. قورساقلىرىڭ خۇددى بۇغداي دۆۋىسىدەك، باشتىن بوي قىزىلگۈلگە ئورالغان.
ئى ئادالەت سۆيگۈچى قۇدرەتلىك شاھىمىز _ خۇدا، ئادىللىقنى ئورناتقانتىڭ ياقۇپ ئەۋلادلىرى ئارىسىغا، ئادالەت ۋە ھەققانىيەت ئەمەلگە ئاشقانىدى ئۇلاردا.
تۆتىنچى قۇرىغا سېرىق ياقۇت، يوللۇق ھېقىق ۋە قىزىل ھېقىق قادىدى. بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئالتۇن كۆزلۈككە ئېلىپ، كۆكرەكلىككە قادىدى.
تۆتىنچى قۇرىغا سېرىق ياقۇت، يوللۇق ھېقىق ۋە قىزىل ھېقىق قادالسۇن. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئالتۇن كۆزلۈككە ئېلىنىپ، كۆكرەكلىككە قادالسۇن.
ئى پەرۋەردىگار، قۇدرەت تاپتى سېنىڭ ئوڭ قولۇڭ، ئى پەرۋەردىگار، شۇڭا سەن تارمار قىلدىڭ رەقىبىڭنى.
ئىككىنچى قۇرىغا فىرۇزە، كۆك ياقۇت ۋە ئالماس قادالسۇن.
ئۇنىڭ قىممىتىنى ئوفىرنىڭ ئالتۇنى، قىممەتلىك يوللۇق ھېقىق تاش ۋە كۆك ياقۇتنىڭ قىممىتى بىلەن ئۆلچىگىلى بولمايدۇ.
ئۇنىڭ تېنى سېرىق ياقۇتتەك جۇلالىنىپ، يۈزلىرى چاقماقتەك يالتىراپ تۇراتتى. كۆزلىرى ئوتتەك چاقنايتتى. پۇت-قوللىرى پارقىراق تۇچتەك ۋالىلدايتتى. ئاۋازى بىر توپ ئادەمنىڭ ئاۋازىدەك گۈلدۈرمامىلىق ئىدى.