Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




نەزمىلەر شاھى 5:13 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

13 خۇشبۇي گىياھ تېرىلغان گۈلزار كەبى مەڭزىلىرى، قىزىلگۈلگە ئوخشار مۇرمەككى سۈرۈلگەن لەۋلىرى.

Gade chapit la Kopi




نەزمىلەر شاھى 5:13
16 Referans Kwoze  

نەقەدەر گۈزەل ھالقىلىرىڭ جۇلاسىدىكى مەڭزىلىرىڭ، نەقەدەر چىرايلىق ئۈنچە-مارجان ئاسقان بويۇنلىرىڭ.


ئاشىقىم كەتتى ئۆزىنىڭ گۈلزارىغا، دورا ئۆسۈملۈك بېغىدا ھۇزۇرلىنىشقا، ئۇ يەردىن قىزىلگۈللەرنى يىغىشقا.


مەن گويا بىر ياۋا گۈلمەن ئېچىلغان شاروندا، ئاددىيغىنە بىر چېچەكمەن ئۆسكەن گويا جىلغىدا.


شەھەرنىڭ يورۇتۇلۇشى ئۈچۈن قۇياش ياكى ئاي ھاجەتسىز بولۇپ، ئۇنى خۇدانىڭ پارلاق نۇرى يورۇتۇپ تۇرىدۇ. قوزا ئۇنىڭ چىرىغى بولىدۇ.


بۇنى ئاڭلىغان كۆپچىلىك ئۇنىڭ ياخشى گېپىنى قىلىشتى ۋە ئۇنىڭ مېھىر-شەپقەتلىك سۆزلىرىگە ھەيران قېلىشتى. بىراق، بەزىلەر: - قانداق گەپ؟ بۇ يۈسۈپنىڭ ئوغلى ئەمەسمۇ؟ - دېيىشتى.


ئارقا تەرىپىمدىن مېنى ئۇرغانلارغا مەن ئۆزۈمنى تۇتۇپ بەردىم، ساقىلىمنى يۇلغانلارغا يۈزۈمنى تۇتۇپ بەردىم. مېنى ھاقارەت قىلىپ يۈزۈمگە تۈكۈرگەنلەردىن ئۆزۈمنى قاچۇرمىدىم.


ئىشىكنى ئاچماق بولدۇم ئاشىقىمغا. تامدى مۇرمەككى قوللىرىمدىن، ئىشىكنىڭ تۇتقۇچىنى تۇتقىنىمدا.


لەۋلىرىڭ بالدۇر جېنىم، گويا ھەرە كۆنىكىدەك، خۇددى تىلىڭنىڭ ئاستىغا قايماق، ھەسەل يوشۇرغاندەك. ئېگىنلىرىڭ پۇراقلىقتۇر خۇددى لىۋاننىڭ خۇش پۇرىقىدەك،


كىم ئۇ چۆل تەرەپتىن كېلىۋاتقان چاڭ توزۇتۇپ، مۇرمەككى ۋە مەستىكى رۇمىنىڭ ھىدىنى پۇرىتىپ، ئىپار-ئەنبەر كاراۋىنىنىڭ خۇش ھىدىنى تارقىتىپ؟


تەنتەنە، ئالقىشلارنى قىلغان خەلق بەختلىك ھېسابلىنار، ياشار ئۇلار ھۇزۇرۇڭنىڭ نۇرىدا ئى پەرۋەردىگار.


ئەڭ كېلىشكەن ئادەمسەن ئىنسانلار ئارىسىدا، لەۋلىرىڭدىن تۆكۈلەر شەپقەتلىك سۆزلەر، مەڭگۈلۈك بەخت ئاتا قىلغاندۇر خۇدا ساڭا.


ئۆتۈنىمەن پەرۋەردىگاردىن بىر ئىشنى، ئېيتاي يەنى ئىستىگىمنى: «ياشاپ بىر ئۆمۈر پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدە، قانسام ئۇنىڭ گۈزەل ھۆسنىگە، تەپەككۇر قىلالىسام ئىگەم ھەققىدە.»


ئىگەم پەرۋەردىگار ماڭا ئەقىل-پاراسەت بېرىپ، چارچىغانلارغا قانداق سۆزلەر بىلەن مەدەت بېرىشنى ئۆگەتتى. ھەر كۈنى سەھەردە ئىگەم مېنى ئويغىتىدۇ، مېنى شاگىرتقا ئوخشاش دىققەت بىلەن ئاڭلىسۇن دەپ، قۇلاقلىرىمنى ئاچتى.


ئى باھادىر پادىشاھ، ئاسقىن يېنىڭغا قىلىچىڭنى، ئايان قىلغىن شەۋكىتىڭ ۋە ھەيۋىتىڭنى.


ئېھ جانانىم، سەن نەقەدەر قامەتلىك، سەن نەقەدەر سۆيۈملۈك، سېلىنچىمىزدۇر يېشىل چىمەنلىك.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite