11 ساپ ئالتۇندەك نۇرغا تولغان باشلىرى، قاپقارادۇر قۇزغۇن كەبى ئۇنىڭ بۈدۈر چاچلىرى.
ئۇنىڭ چېچى ئاق يۇڭ ۋە قاردەك ئاپئاق ئىدى. كۆزلىرى گويا يالقۇنلاپ تۇرغان ئوتتەك ئىدى.
مەن قاراپ تۇراتتىم، بىرقانچە تەختلەر ئۆز ئورۇنلىرىغا قويۇلدى. ئەزەلدىن مەۋجۇت بولغۇچى ئۆز تەختىدە ئولتۇردى. ئۇنىڭ كىيىملىرى قاردەك، چاچلىرى ئاق يۇڭدەك ئاپئاق ئىدى. ئۇنىڭ تەختى ئوت يالقۇنىدىن بولۇپ، كۆيۈۋاتقان چاقلارنىڭ ئۈستىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغانىدى.
بېشىڭ گويا قەد كۆتۈرگەن كارمەل تېغى، دولقۇنلىغان قارا چېچىڭ يالتىراق دۇردۇن كەبى، گۈزەللىكىڭ ئەسىر قىلار ھەتتا شاھنىڭ قەلبىنى.
ئۇيقۇدا ئىدىم، لېكىن ئويغاق ئىدى كۆڭلۈم، چۈشۈمدە ئاڭلىدىم سۆيۈملۈكۈمنىڭ ئاۋازىنى، مانا، ئۇ قاقتى ئىشىكنى! ئىشىكنى ئاچ سىڭلىم _ ئامرىقىم، ئېھ مېنىڭ غۇبارسىز كەپتىرىم. شەبنەم چۈشۈپ بېشىمغا، كېچىدە ھۆل بولدى چېچىم.
خۇددى بۇلاق بويىدىكى كەپتەردەك، سۈتكە چىلانغان گۆھەردەك چاقنار ئۇنىڭ كۆزلىرى.
ئەرلەرنىڭ چېچىنىڭ كەينى چۈشۈپ كەتسە، پاك ھېسابلىنىدۇ.